خىتاي بىلەن مەڭگۈ بىر دۆلەت بولماسلىقنى تاللىغان تەيۋەنلىكلەرنىڭ نسبىتى 82% غا يەتتى

ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۈگۈن 'ئون يىلدىن بۇيانقى تەيۋەن - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى' دېگەن تېمىدا ئېلىپ بارغان راي سىناش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن مەڭگۈ بىر دۆلەت بولماسلىقنى تاللىغان تەيۋەنلىكلەرنىڭ نسبىتى 82% غا يەتكەن.

0:00 / 0:00

تەيۋەندە چىقىدىغان 'بىرلەشمە گېزىتى' بۈگۈن 2010 ‏- يىللىق راي سىناش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010 ‏- يىلىدا تەيۋەندىكى ناھىيە باشلىقلىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ياقتۇرۇش ياكى ياقتۇرماسلىقىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولغان. تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) ھوقۇق تۇتۇۋاتقان 25 ناھىيىنىڭ ھاكىملىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ياقتۇرۇلۇش دەرىجىسى 14‏-دەرىجىدىن 25‏- دەرىجىگىچە، دېموكراتىيە- ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) ھوقۇق تۇتۇۋاتقان 9 ناھىيىنىڭ ھاكىملىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ياقتۇرۇلۇش دەرىجىسى 6‏- دەرىجىدىن 11‏- دەرىجىگىچە بولغان . بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بۇ يىل مىللەتچى پارتىيىنىڭ ھاكىملىرى خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈشكە باشلىغان.

'بىرلەشمە گېزىتى' نىڭ راي سىناي نەتىجىسى

'بىرلەشمە گېزىتى' بۇ يىل ئېلىپ بارغان تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى راي سىناش نەتىجىسىنى، بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى راي سىناش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەتكەن. سېلىشتۇرمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ‏2007- يىلى 7‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان ئادەم 12%، تەدرىجى مۇستەقىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم 14%، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم 32%، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىر دۆلەت بولۇشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان ئادەم 20% ، خىتاي بىلەن بىر دۆلەت بولۇشنى تەدرىجى ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم 9% ئىدى.

ئەمما، ‏2010- يىلى 8‏- ئاينىڭ 26‏- كۈنىدىكى راي سىناش نەتىجىسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بار: تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان ئادەم 16% ، تەدرىجى مۇستەقىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم 15% ، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم 51%، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىر دۆلەت بولۇشىنى تەشنالىقى بىلەن كۈتىدىغان ئادەم 9% ، تەدرىجى ھالدا خىتاي بىلەن بىر دۆلەت بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم 5% .

دېمەك، تەيۋەندە خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىپ بولسىمۇ تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم 10 يىلدىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا 4% ئۆسكەن، خىتاي بىلەن بىر دۆلەت بولۇشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان ئادەم 4% ئازلىغان.


خىتاينىڭ كۆز قارىشى

چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاي تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭ جۇنى 'يا مۇستەقىل بولۇشنى، يا بىرلىشىشنى خالىمايدىغان تەرەپ' يەنى ب تىپلىق مۇستەقىلچىلەر دەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، مۇشۇ نىسبەت بويىچە، ھازىر تەيۋەندە مۇستەقىلچىلەرنىڭ سانى 58% دەپ قارىماقتا. خىتاينىڭ كۆز قارىشى بويىچە ھېسابلىغاندا، تەيۋەندە خىتاي بىلەن بىر دۆلەت بولۇشىنى خالىمايدىغان ئادەم 10 يىلدىن بۇرۇنقى 58% دىن كۆپىيىپ ھازىر 82% گە يەتكەن.


يازغۇچىلارنىڭ تەھلىلى

'بىرلەشمە گېزىتى' تەيۋەن -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى راي سىناش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەندىن جاۋزىلوڭ ئىسىملىك بىر يازغۇچى خەلقئارادا كەڭ تارقىلىدىغان 'راي سىناش تورى' نىڭ مۇنازىرە سەھىپىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: تەيۋەندە چىقىدىغان 'بىرلەشمە گېزىتى' بىر چوڭ گېزىت، نۇرغۇن دۆلەتلەردە چىقىدىغان 'دۇنيا گېزىتى' مۇ ئۇنىڭ بىر قىسمى. بۇ گېزىت دۇنيادىكى خىتايلارنىڭ ھەممىسى بىر دۆلەت بولۇشى كېرەكلىكىنى ياقلايدىغان گېزىت. بۇ گېزىتنىڭ بۇ يىل ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇمكى، تەيۋەندە ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقان مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) نىڭ ئىناۋىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ھوقۇق تۇتقان دېموكراتىيە- ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) دىن تۆۋەن. تەيۋەن خەلقى ئىچىدە خىتاي بىلەن بىر دۆلەت بولۇشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خىتايلارنىڭ بىر دۆلەت بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.


تەيۋەننىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتىكى دەرىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى

'بىرلەشمە گېزىتى' نىڭ ئاشكارىلىشىچە يەنە، تەيۋەن بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە 1‏- ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 2‏- ئۇرۇندا تۇراتتى. بۇلتۇردىن باشلاپ تەيۋەندە ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئازلاشقا باشلىدى. تەيۋەن ھازىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا يېڭى زېللاندىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە قېلىپ 7‏- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. ھەتتا بۇ يىل ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە 72 - ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان خوڭكوڭدەك 'قىسمەن ئۇچۇر ئەركىنلىكى بار' جاي دەپ مۇئامىلە قىلىنىشقا يۈزلەندى.


تەيۋەندە بىر چوڭ سودىگەر بىر چوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىسىنى سېتىۋالغاندىن كېينكى ئۆزگىرىش

باش ئورگىنى ئامېرىكىدىكى دۇنيا ئەركىنلىك ئۆيى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تەيۋەندە سودىدا ئەڭ كۆپ پايدا قازىنىۋاتقان سەي يەنمىڭ گۇرۇھى 'خىتاي ۋاقىت گېزىتى' دېگەن بىر چوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ گېزىتتە تەيۋەننىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى مايىڭجۇ بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋاپىق بولمىغان مەسىلىلەرنى تەنقىتلەيدىغان بىرمۇ ماقالە ئېلان قىلىنمىدى. دۇنيا ئەركىنلىك ئۆيى ھازىر تەيۋەندىكى بۇ ھادىسىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە.