تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامىگە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

تەيۋەندىكى پارلامېنت ئەزالىرى، ئاتاغلىق يازغۇچىلار، پروفېسسورلار، بىر قىسىم سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە«تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق ئۇيۇشمىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامىگە ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00


بۇ پائالىيەتكە ئالدى بىلەن ھازىرقى ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سابىق پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرى ئالدى بىلەن ئىمزا قويۇش بىلەن بىللە تەيۋەندىكى ھەر - ساھە خەلق ئاممىسىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللىغۇچى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە ھەرىكەتلەندۈرگەن، ئۇلار بۇ پائالىيەتنى جانلىق تۈردە ئېلىپ بېرىپ، توپلانغان ئىمزا ئارقىلىق تەيۋەن پارلامېنتىدا رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە ئەكىلىش تەشەببۇسنامىگە قويۇلغان ئىمزاغا ئاساسەن قارار چىقىرىپ، ھازىرقى ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ۋە رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە پات يېقىندا ئەكىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

بىز بۇ قېتىم تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.