تەيۋەنلىكلەر رابىيە قادىرنى دالاي لامادەك داھىيانە شەخس دەپ قارايدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلەنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ھەققىدە، تەيۋەندىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ خانىمى ياڭ يۆچىڭ ئۆزىنىڭ ھېسسياتىنى ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى بايان قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەيۋەن زىيالىيلىرى تەيۋەننى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكەت مەيدانى قىلمايمىز دېدى دېگەن خەۋىرى بىر ئېغۋا
ياڭ يۆچىڭ خانىم ئالدى بىلەن، كوممۇنىست خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن تەيۋەن رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلدى، تەيۋەن زىيالىيلىرى تەيۋەننى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكەت مەيدانى قىلمايمىز دېدى دەپ خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان زىيالىي بار، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ھەققانىيەتنى قوللايدىغان كىشىلەر، تەيۋەندە گومىنداڭغا بېقىنىپ، كوممۇنىست پارتىيىگە خوشامەت قىلىپ جان باقىدىغان زىيالىيلارمۇ بار. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ گەپنى كىم دېگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، دېمەك بۇ خەۋەرنىڭ ئۆزى بىر ئىغۋا.
تەيۋەنلىكلەر رابىيە قادىرنى داھى دەپ قارايدۇ
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە مۇتلەق كۆپ سانلىق زىيالىي رابىيە قادىر خانىمنى داھىيانە شەخس، ئۇ خۇددى تىبەتلەرنىڭ داھىسى دالاي لاماغا ئوخشاش داھى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان داھىسى دەپ قارايدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ۋە تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ رابىيە قادىرنى تېررورچى دېگەن تەشۋىقاتىنى رەت قىلىدۇ.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا تەيۋەندىكى گومىنداڭ رابىيە قادىرنى ئۈچ يىلغىچە تەيۋەنگە كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىپتۇ. مۇتلەق كۆپ سانلىق تەيۋەنلىك بۇنىڭغا خاپا بولدى. گومىنداڭچىلارنىڭ رابىيە قادىر تەيۋەننى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكەت مەيدانى قىلماقچى دېگىنى تېخىمۇ مەنتىقىسىز گەپ. بۇ، گومىنداڭچىلارنىڭ كوممۇنىست پارتىيىگە خوشامەتچىلىك قىلىپ دەۋاتقان گېپى.
گومىنداڭچىلار ئايرودرومدىلا مات بولدى
بۇ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلە 18 - چىسلا تەيبېيگە كەلدى. ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن، تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ بۇ ھەقتە خۇپپىيانە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلاتتۇق. راست دېگەندەك، راھىلە كەلگەندە، گومىنداڭنىڭ 30 - 40 ئادىمى ئايرودرومدا جىددىي ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ھەرىكەت تە بولدى. ئاي تۇغدى تەشكىلاتىنىڭ 3 ئادىمى راھىلەنى ئايرودرومدا كۈتۈۋېلىپ، ئۇنى باشلاپ چىقىپ كەتكەن ئارىلىقتىكى تىنچ، قىزغىن ھەم دوستانە مۇناسىۋەتنى كۆرگەن گومىنداڭچىلار، ئۆزلىرىنىڭ راھىلەنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەنگە كېلىشىنى تېررورلۇق دەپ گۇمان قىلىپ، قورقۇپ كەتكەن توخۇ يۈرەكلىكىدىن خىجىل بولدى بولغاي، بىردىنلا چىرايلىرىنى تەبەسسۇمغا ئۆزگەرتتى ۋە دەرھال تاراپ كېتىشتى.
رابىيە خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن
بۇ خانىم مۇنداق دەيدۇ: راھىلە كەلگەن كۈنى كەچتىكى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە، رابىيە خانىمنىڭ مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى دېگەن فىلىمى قويۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاي تۇغدى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى، مەشھۇر مۇزىكىچى فرېدى ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچىمىز راھىلە بىلەن بىللە يېمەك يېدۇق ۋە ھەمسۆھبەتتە بولدۇق. فرېدى ئەپەندى دوستلىرىنى راھىلەگە تونۇشتۇرۇپ كېلىپ لىن باۋخۇا دېگەن ئىسىم چىققاندا، راھىلە ھاياجانلىنىپ ئاپام ماڭا بۇ ئىسىمنى دېگەن، ئاپام ئۇلارغا سوغا ئەۋەتتى، ئۇيغۇرچە كېيىم ئەۋەتتى دېدى. بىز ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. رابىيە خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىمغا تەشەككۈر ئېيتىمىز.
تەيۋەنلىكلەر راھىلەنىڭ ئاپامنىڭ ماڭغان يولىنى داۋاملاشتۇرىمەن دېگەن سۆزىدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى
لىن باۋخۇانىڭ خانىمى، تەيۋەن ياشلىرى ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ياڭ يۆچىڭ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، راھىلە تەيۋەنگە كەلگەن ئىككىنچى كۇنى كەچتە، مەشھۇر مۇزىكىچى فرېدى، لىن باۋخۇ ۋە تەيۋەن ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ زىجەن ئۈچ كىشى راھىلە ئۈچۈن مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى.
سۆھبەتتە، راھىلە ئاپىسى رابىيە خانىمنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى تونۇشتۇردى. مۇخبىرلار راھىلەدىن ئەگەر رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان ھادىسە يۈز بېرىپ قالسا، سىز ئۇنىڭ مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرامسىز؟ دەپ سورىغاندا، راھىلە مۇبادا شۇنداق بىر كۈن كېلىپ قالسا، ئاپامنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەركىنىلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ماڭغان يولىنى مەن داۋاملاشتۇرىمەن دەپ جاۋاب بەردى. تەيۋەنلىكلەر بۇ سۆزدىن رازى بولدى ۋە رابىيە خانىم مۇشۇنداق زىرەك ئەۋلادلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن خاتىرجەم بولسا بولىدىكەن دەپ باھا بېرىشتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.