تەيۋەن ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ راھىلە خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلە ئابدۇرېھىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نىڭ dvd سىنى تارقىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بەزى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا پەيشەنبە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ، راھىلەنىڭ زىيارىتى تەنقىد قىلىنغان. لېكىن رابىيە خانىم ياكى راھىلەنىڭ زىيارىتىنى قوللايدىغان تەيۋەنلىك پائالىيەتچى ۋە بەزى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلار تەيۋەندىكى ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە بېيجىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەنقىدىنى ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلەنىڭ، ئانىسىغا ۋاكالىتەن تەيۋەندىكى "ئاي تۇغدى" كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى، تەيۋەندە جامائەت پىكىرى قوزغاپ، تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا بەس - مۇنازىرە قوزغىغان.

لېكىن، بۇ مۇنازىرە ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، رابىيە خانىمغا 3 يىللىق تەيۋەنگە كىرىش ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئىلگىرىلىگەن ھالدا قىزىغان ئىدى. بۇ مۇنازىرىگە پەيشەنبە كۈنى خىتاي چوڭ قۇرۈقلۇقىدىكى بەزى مەتبۇئاتلار قېتىلىپ، راھىلەنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى تەنقىد قىلغان ھەم تەيۋەن دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاينىڭ كانىيى ھېسابلىنىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن "جۇڭپىڭ ئاگېنتلىقى"پەيشەنبە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، "شىنجاڭ" مۇستەقىلچىلىرىگە تەيۋەندە سورۇن ھازىرلاپ بېرىشنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى خاتىرىلەتتى.

ئوبزورچى ليۇ شىڭرېن ئۆز ئىمزاسىدىكى باش ماقالىدە تەھدىتلىك ئىبارىلەرنى قوللىنىپ، "ئەگەر ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى تەھدىتكە ئۇچرىسا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ تەيۋەننى ساياھەت قىلىشى، تەيۋەنگە مەبلەغ سېلىش ئارزۇسى زەربىگە ئۇچراپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقى تەۋرىنىشكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا شىزاڭ ۋە شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش بەدىلى تەيۋەننىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس" دېگەن.

لېكىن، تەيۋەن "ئاي تۇغدى" جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، تەيۋەنلىك مەشھۇر ناخشىچى فرەدى لىم، شۇ كۈنى مەزكۇر باش ماقالىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ دائىم تەھدىت سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى قورقىتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرەدى لىم "ئۇلار دائىم تەھدىت سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىغا تەھدىت سالىدۇ. ئۇلارنىڭ شىمالىي كورىيە ۋە بېرمىنى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەھدىتلىك سۆزلەرنى قىلىشى بەك ھەيران قالارلىق ھادىسە ئەمەس. ئۇلار دۇنيادىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ چېكىردىكى. ئۇلار دۇنيادا يالغۇز بېرما ۋە شىمالىي كورىيىنى بېقىپلا قالمايدۇ. ئۇلار يەنە، ئافرىقىدىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنى بېقىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەپلىرىغا تەھدىت سالىدىغان بۇ تۈرلۇك سۆزلەرنى قىلىشى ناھايىتى نورمال ھادىسە. مەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلمايمەن" دەپ كۆرسەتتى.

فرەدى لىم راھىلەنىڭ بۇ قېتىمقى تەيۋەن زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان شەخس. ئۇ، بۇرۇن رابىيە خانىمنى ئىككى قېتىم تەيۋەنگە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىشنىڭ بەزى شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقىسىنى ئۆزسە، ۋىزا بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىم راھىلەنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسى يەنە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم رابىيە خانىمغا 3 يىللىق ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدا تەيۋەن بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فرەدى لىم، ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىدلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتكەن باھانىسى ناھايىتى كۈلكىلىك دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ "ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى كۈلكىلىك. چۈنكى، رابىيە خانىم پۈتۈن دۇنيادا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىۋاتقان شەخس. ئۇ ھازىرغا قەدەر 20 - 30 دەك دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ 2 قېتىم نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. بۇنداق بىر كىشىگە ۋىزا بېرىشنى چەكلەش ئىنتايىن چوڭ يولسىزلىقتۇر" دەيدۇ.

لېكىن، خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان ژۇرنىلى،"بېيجىڭ باھارى "نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشىدا بېيجىڭنىڭ رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ " ئۇلار بۇ قارارنى چىقىرىشتا، جۇڭگو تەرەپنىڭ بېسىمىنى چىقىش قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. رابىيە خانىم زوراۋانلىقسىز ۋاستىلارغا تايىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان شەخس. خەلقئارا تەشكىلاتلار ئۇنى ھېچقاچان تېررورچى دەپ قاراپ باققان ئەمەس. ئۇنىڭ زىيارىتى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايتتى. لېكىن، جۇڭگو تەرەپ رابىيە خانىمنى چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچ دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا تېررورچى قالپىقى كىيدۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى نازۇك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، جۇڭگو تەرەپنىڭ چوقۇم تەيۋەنگە بېسىم ئىشلەتكەنلىك ئېھتىمالى بار. تەيۋەن دائىرىلىرى بولسا، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۋەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ قارارنى چىقارغان بولۇشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە خانىمنىڭ قىزى راھىلە تەيۋەندىكى زىيارىتى جەريانىدا، تەيۋەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ۋە ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان.

راھىلە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رابىيە خانىمنىڭ ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىدىن ۋىزا تەلەپ قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئالماشقاندا تەيۋەنگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " مەن ئاپامنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن ۋىزا تەلەپ قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى، بىز ئۇلارنىڭ ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلار خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى رەت قىلاتتى. شۇڭا بىز ۋىزىغا ئىلتىماس قىلمىدۇق. لېكىن، تەيۋەن خەلقىنىڭ بىز بىلەن بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇڭا ئاپام يېڭى ھۆكۈمەت تەختكە چىقسا چوقۇم كېلىدۇ" دەپ ئەسكەرتتى.

لېكىن "جۇڭپىڭ ئاگېنتلىقى" ئېلان قىلغان باش ماقالىدە، تەيۋەندىكى مۇستەقىلچى گۇرۇھلارنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باش ماقالىدە "تەيۋەن مۇستەقىلچى گۇرۇھلىرىنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭ مۇستەقىلچى گۇرۇھىنى قالقان قىلىپ تارقاتقان ئۇچۇرى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى چەكلەنگەن لىنىيىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. رابىيەنىڭ چوڭ قىزىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىشى تەيۋەن مۇستەقىلچى گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بىرلىشىشىگە يول ھازىرلاپ بەردى"دەپ تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.