فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت روزارىئو بۈگۈن ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلدى. بۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتوننىڭ بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن مانىلاغا قىلغان زىيارىتىگە جاۋابەن ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىلارىي كىلىتون سۆزىدە، فىلىپپىن، ۋيېتنام، برۇنېي، مالايشىيا، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر ئىنتايىن مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرى ساقلىنىپ ياتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن كېلىپ چىقىۋاتقان تالاش-تارتىشلىرى ھازىرقىدەك جىددىي تۈس ئالغاندا يۈز بەرگۈسى ھەر قانداق ۋەقەدە، ئامېرىكا بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن فىلىپپىن بىلەن تۈزگەن ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، فىلىپپىنغا ياردەم بېرىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
ھىلارىي كلىنتون سۆزىدە يەنە، «جەنۇبىي دېڭىزدا يۈز بەرگۈسى ھەر قانداق تەھدىت دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزىدۇ، ئامېرىكا بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت روزارىئو بۇ ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ 2-ئاينىڭ 25 -كۈنىدىن بۇيان فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە 9 قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە «ھازىر فىلىپپىن تاجاۋۇزغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەس تۇردۇق» دەپ جاكارلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنى مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغان ۋە مۇنازىرە قىلىشقا بولىدىغان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشنى تەشەببۇس قىلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيىدىن خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، خىتاينىڭ «نەنفېڭ» بەلگىلىك بىر مىڭ بەش يۈز ئوتتۇز يەتتە توننىلىق بىر پاراخوتىنى مەركەز قىلغان ھەربىي پاراخوتلار توپى، ياپونىيىدە دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەن قىرغاقلارغا 330 كىلومېتىر يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئوچۇق دېڭىزغا چىقىپلا دەرھال كەينىگە قايتقان. تۈنۈگۈن ياپونىيىدە خىتاينىڭ بۇنداق ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى نامايىش يۈز بەرگەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، ۋيېتنامدىمۇ خىتايغا قارشى بىر نەچچە قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن ئىدى.
بۈگۈن «خىتاي ئاۋازى» تور گېزىتىدە، خىتاي تارىخچىلىرى ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: خىتاي مىللىتىنىڭ تارىخى دېڭىزلاردا ئاچچىق يۇتقان، قان تۆككەن تارىخ، تارىختىكى دېۋەڭ پادىشاھلار خىتاي مىللىتىنى دېڭىز ھوقۇقى بولمىغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان تارىخ. خىتاي دۆلىتىنىڭ مەغلۇبىيەتلىرى پۈتۈنلەي دېڭىز ھوقۇقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققان. ئەگەر ھازىر بۇ بىر ئەۋلاد خىتايلار، شۇنچە كۆپ ئىقتىساد بار ۋاقىتتا مەيدىمىزگە مۇشتلاپ چىقىپ، دېڭىز ھوقۇقىنى قولغا ئالالمىساق، يەنە مەغلۇپ بولىمىز، يەنە بەدىنى ئىششىپ كەتكەن يۈرىكى ئاجىز كېسەل مىللەتكە ئايلىنىمىز. خىتاي مەڭگۈ غەلىبە قىلالايدىغان دۆلەت بولالمايدۇ. بۇنداق دۆلەتنى قۇتقۇزغىلىمۇ بولمايدۇ.
يەنە بىر ماقالىدا، خىتاينىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدا ئورنى بولمىغان پاكىتنى ئىقرار قىلىپ قويغان، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ: چەتئەللىك ماگىلان دېگەنلەر جەنۇبىي دېڭىزنى چارلاپ يۈرگەندە، خىتايدىنمۇ جېنخې ھەزرىتىم ئوكيانلارغا 7 قېتىم بارغان ئىدى. ئەمما مىڭ سۇلالىسىنىڭ كالۋا پادىشاھلىرى دېڭىزنى ئىگىلەشنى ئويلىماي، پەقەت قۇرۇقلۇققىلا بېكىنىۋالغان. يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە، خىتاي ئىزچىل ھالدا دېڭىز ھوقۇقى بولمىغان دۆلەت بولۇپ تۇرۇۋەردى. شۇڭلاشقا خىتاي، ياپونلار بىلەن دېڭىز ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولدى. ئەنگلىيە دېگەنلەرمۇ خىتاينى دېڭىز ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇم بىلەن مەغلۇپ قىلدى. ھازىر بىزدە ئىقتىساد بار، ئاۋىئاماتكا بار، ئەگەر ئەمدى خىتاي ئارمىيىسى دېڭىز -ئوكيانلاردا ھەيۋە قىلىپ، ئاراللارغا كىرىپ چىقىپ يۈرىدىغان ئۇششاق دۆلەتلەرنى ئۇرۇش قىلمايلا قورقۇتۇپ قوغلىۋېتەلمىسە، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلىدىغان دۆلەت بولالمايدۇ.
يەنە بىر ماقالىدا مۇنداق پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان: خىتايدا ھازىر ئەمەلدارلار چىرىپ كەتتى، جەمئىيەت تىنچ ئەمەس، مال باھاسى ھەدەپ ئۆرلەۋاتىدۇ، ئىشسىزلار كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، خىتاي دۆلىتى ھازىر ھەر قانداق بىر چەت دۆلەتكە ھۇجۇم قىلسا، ئىچكى مەسىلىدىنلا گۇمران بولىدۇ.