بەزى تاجىكلار ھازىر تاجىكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان بولغان
خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ تاجىكىستاندا سېلىۋاتقان مەبلەغ تۈرلىرى ئارتىشقا باشلىغان. مەسىلەن، تاجىكىستاندىكى تاشيول، تونېل قۇرۇلۇشلىرى ۋە شۇنداقلا بازارغا سېلىنىۋاتقان ماللارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ بولۇپ، 2010- يىلى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 685 مىليون دوللارغا يەتكەن. مەركىزى نيۇيوركتىكى ياۋروئاسيا تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ھازىر تاجىكىستاندا خىتاي مەبلىغىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە شۇنداقلا خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا تاجىكىستانغا كېلىشى ئۆز ۋەتىنىدە ئىشسىز يۈرگەن تاجىك خەلقىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. نۇرغۇن تاجىكلار ھازىر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىجارەت ئۈستۈنلۈكىنىڭ تاجىكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
تاجىكىستانغا كۆچۈپ كىرگەن خىتاينىڭ سانى ئاشماقتا
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستان ستاتىستىكا دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان رەقىمىدىن قارىغاندا 2006- يىلى تاجىكىستاندا 3000 خىتاي ئىشچى بار بولغان بولسا، قىسقىغىنە 5 يىل ئىچىدە بۇ رەقەم نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ، تاجىكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ سانى 82 مىڭغا يەتكەن.
مەلۇم بولغاندەك، 12 - يانۋار كۈنى تاجىكىستان پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاي ئۆزىگە تەۋە دەپ كەلگەن يەرنى يەنى تاجىكىستان زېمىننىڭ بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 18- يانۋار كۈنى تاجىك دائىرىلىرى يەنە 2000 گېكتار يېرىنى خىتايغا شال تېرىشقا ئىجارىگە بەرگەنلىكىنى، 1500 نەپەر خىتاي شال تېرىغۇچىلارنىڭ تاجىكىستانغا كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن يەرنىڭ ئالتۇن ۋە ئۇرانغا ئوخشاش قىممەتلىك كان بايلىقلىرى چىقىدىغان يەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. ئەمما، تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىفى خىتايغا بەرگەن يەرنىڭ قىممەتلىك كان بايلىقلىرى چىقىدىغان يەر ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى شال تېرىش كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي دېھقانلىرىغا ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرمۇ تارقالغان. مانا بۇ ئىككى ۋەقە تاجىك خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن.
ياۋرۇئاسيا تورى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۈشەنبىدىكى شەرق تەتقىقات ئورنى تاجىك خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ئۈستىدە بىر راي سىناش ئېلىپ بارغان بولۇپ، 2008- يىلى ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي سىناشتا تاجىك خەلقىنىڭ 82 پىرسەنتى خىتاينى خەتىرى يوق دېگەن بولسا، پەقەت 3 پىرسەنت كىشىلا خىتاينى خەتەرلىك دەپ قارىغان. ئەمما، شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مۇزەپپەر ئالىموفنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدىكى ئىككى ۋەقەدىن كېيىن خىتاينى تەھدىت دەپ قارايدىغان تاجىكلارنىڭ سانىدا قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور ئۆرلەش بولغان.
خىتايغا شال تېرىشقا يەر ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى
خىتايغا شال تېرىشقا يەر ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى ئىلگىرى قازاقىستاندىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن قازاق ئۆكتىچى كۈچلەر چوڭ نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنى توسۇپ قالغان ئىدى. نامايىشقا قاتناشقان مىڭلىغان قازاق خەلقى قازاقىستان تۇپراقلىرىنى ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن خىتايغا ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نەتىجىدە، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ئاستىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا يەر ئىجارىگە بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر بولسا، تاجىكىستاندا ئۆكتىچى كۈچلەر ئاجىز بولغانلىقتىن خىتايغا يەر ئۆتكۈزۈپ بېرىش بولسۇن، ياكى شال تېرىش ئۈچۈن يەر ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىدە بولسۇن، تاجىكىستاندىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ يېتەرسىز بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما، ياۋرۇئاسيا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان تاجىكىستاندىكى تور بەتلەرنىڭ مۇلاھىزە سەھىپىلىرىدە تاجىك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قارشى ئاۋازلار يۈكسىلىشكە باشلىغان.
تور بەتلىرىدىكى مۇلاھىزىلەر
بەزى تور بەتلەردە خىتاينىڭ ھەرخىل تىجارىي باھانىلەر بىلەن تاجىكىستانغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى، تاجىكىستان زېمىنىنىڭ خىتاي تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر باشلانغان.
بىر قىسىم تورداشلار ھەتتا: «بىز تاجىكىستاننىڭ زېمىنىنىلا ئەمەس، ھەممىدىن مۇھىمى كىملىكىمىزنى يوقىتىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتىمىز» دېگەن. ئەمما، بەزى تاجىك كۆزەتكۈچىلەر بولسا تاجىك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە تاجىكىستاننىڭ ئاجىز ئورۇندا ئىكەنلىكىنى، تاجىكىستاننىڭ ئۇزۇنغىچە خىتاينىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.