خ ك گ :تاجىكىستان ئىچكى-تاشقى قوراللىق كۈچلەرنىڭ خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا

باش شتابى بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ تاجىكىستان ھەققىدىكى دوكلاتى 24-ماي ئېلان قىلىندى. دوكلات جەمئىي 25 بەتلىك بولۇپ، 7 بابقا بۆلۈنگەن.

0:00 / 0:00

دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا تاجىكىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەت ئىكەنلىكى ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن باشقا يەنە بىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بۇ دۆلەت ئۇچراۋاتقان يەنە بىر مۇھىم تەھدىت بولسا، ئىچكى-تاشقى قوراللىق كۈچلەردىن كېلىدىغان خەۋپسىزلىك تەھدىتىدۇر.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، تاجىكىستان ھۆكۈمەت قىسىملىرى تاجىكىستاننىڭ رەشت ۋادىسىدا 2010-2011-يىللىرى باش كۆتۈرگەن ياش ئۆكتىچىلەرنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلالمىغان، ئەمما تاجىك پرېزىدېنتى ئىمامئەلى رەھمان مەزكۇر رايوندىكىلەر بىلەن بەزى كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، ۋاقىتلىق تىنچلىق ئورناتقان.

دوكلاتتا، مەزكۇر رايوندىكى ياش ئۆكتىچىلەرنىڭ تاجىكىستان پرېزىدېنتىغا باش ئاغرىقى تۇغدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ھالبۇكى، تاجىكىستان پرېزىدېنتى نۆۋەتتە ئافغانىستاندا تالىبانلار بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان ئىسلام خەلىپىلىكىنى قوللىغۇچى تەشكىلات ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

رەشت ۋادىسى 1992-يىلى باشلىنىپ، 1997‏-يىلى ئاياغلاشقان تاجىكىستان ئىچكى ئۇرۇشى داۋامىدا ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر توپلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىچكى ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىنمۇ مەزكۇر رايوندا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھېسسىياتى پەسەيمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى 24-ئاۋغۇست، تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدىن قاچقان 25 نەپەر قاچقۇنمۇ رەشت ۋادىسىدىكى ئۆكتىچىلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇلارنى تۇتۇشقا چىققان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى رەشت ۋادىسىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.

2010-يىلى 19-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدا يۇقىرىقى قاچقۇنلارنى تۇتۇش ئۈچۈن يولغا چىققان 75 نەپەر ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ 28 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، نۆۋەتتە رەشت ۋادىسىدىكىلەر ئىسلام دىنىغا بارغانچە يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تاجىكىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بۇنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، جۈمە نامىزىدىكى خۇتبە مەزمۇنلىرىنى كونترول قىلىش، ياشلارنى مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلەشكە ئوخشاش تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

دوكلاتتا مەزكۇر رايوندىكى تىنچلىق ۋەزىيىتىدە خىتاينىڭمۇ مەنپەئىتى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: جۇڭگو دائىرىلىرى تاجىكىستان خەۋپسىزلىكىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشى تاجىكىستان بىلەن 400 كىلومېتىر چېگرىلىنىدىغان شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەردە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان، خىتاي مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مەزكۇر مانېۋىرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارىتىلغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تاجىكىستان ئەڭ نامرات بولۇپلا قالماستىن مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 2010-يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا تاجىكىستاننى «كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەت» لەر قاتارىغا تىزغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 7. 5 مىليون نوپۇسقا ئىگە تاجىكىستان خەلقنىڭ 47% ئى ئىنتايىن نامرات. بۇ خىل ئەھۋال تاجىكىستان خەلقىدە ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇش كەيپىياتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.

شۇنداقتىمۇ، ئۆتكەن ئايدا تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى رەھمان ئەرەب ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا تەتبىقلىغان نامايىشلارنىڭ تاجىكىستاندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى، تاجىكىستان خەلقنىڭ 1990-يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇشىنى قايتا تەكرارلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تاجىكىستاندا باش كۆتۈرۈۋاتقان ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلار 1992-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە سوزۇلغان ۋە نەچچە ئونمىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرمىگەن ئىكەن.