رۇسىيە قوشۇنلىرى تاجىكىستاندا يەنە 49 يىل تۇرىدۇ

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قوشنىسى تاجىكىستان رۇسىيە بىلەن ھەربىي جەھەتتىن قايتىدىن زىچ باغلىنىشقا كىرىشتى.

0:00 / 0:00

2-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ دۈشەنبىنى زىيارەت قىلىپ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئالىي راخمان بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئائىت يېڭى كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلدى.

تاجىكىستاننىڭ ئاسىيا-پلۇس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دمىترىي مېدۋەدېۋ بىلەن ئىمام ئالىي راخمان رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ يەنە 49 يىللىق مۆھلەت بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلدى. كېلىشىم بويىچە رۇسىيە تاجىكىستاننى زامانىۋى قورال-ياراقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە تاجىكىستان ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەييارلىقتىن ئۆتكۈزىدۇ، شۇنىڭدەك تاجىكىستاندىكى «ئەينى» ئايرودرومىنى رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان بىرلىكتە پايدىلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىمام ئالىي راخمان بىلەن دمىترى مېدۋەدېۋنىڭ كېلىشىمىدە يەنە تاجىكىستان-ئافغانستان ئارىسىدىكى 1300 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيىسىنى قوغداش ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ قايتىدىن تاجىكىستانغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىشى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە، تاجىكىستاندا رۇسىيىنىڭ 6 مىڭ نەپەر ھەربىي خادىمى تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بەلكى رۇسىيىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ھەربىي قوشۇنىنى كۆپەيتىشى مۇمكىن . ئىمام ئالىي راخمان بىلەن دمىترى مېدۋېدېۋ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، مېدۋېدېۋ تاجىكىستاننىڭ ئەزەلدىن رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولۇپ كەلگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق شەكلى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى، شاڭخەي ھەمكارلىقى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى رامكىلىرى ئاستىدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، 2-سېنتەبىر تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە يەنە رۇسىيە، تاجىكىستان ، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، مېدۋېدېۋ، راخمان، كارزاي ۋە زەردارى قاتارلىق تۆت پرېزىدېنت جەم بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغان.

مېدۋېدېۋ تۆت رەھبەر ئۇچرىشىشىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە «مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىن ئېتىش جاۋابكارلىقى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپىسى» دەپ كۆرسەتكەن، شۇنىڭدەك ئاخىرىدا رۇسىيە، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان پرېزىدېنتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇلار تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ بىرلەشمە ئالاقە كېڭىشى بىلەن سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان.

مېدۋېدېۋ رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستاندىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا يەتكۈزۈش لايىھىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى ھەمدە رۇسىيىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىما ئالىي راخمان رۇسىيە-قازاقىستان-قىرغىزىستان –تاجىكىستان –پاكىستان تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بۇنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك لايىھە ئىكەنلىكى ، بۇ قۇرۇلۇشقا ھەتتا خىتاينىمۇ قوشۇۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، رۇسىيە ئارمىيىسى تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىنى قوغدىغان بولۇپ، 1979-1989-يىللىرى ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلغان موسكۋا 201-موتورلاشقان پىيادىلەر دېۋىزىيىسى ئافغانىستان ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاجىكىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

2004-يىلى رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان كېلىشىپ، 201-موتورلاشقان دېۋىزىيىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ھەربىي بازىسىنى قۇرغان ئىدى. بۇ، «201-ھەربىي بازا» دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر بازىنىڭ ۋەزىپىسى ، ئاساسلىقى ئافغانىستان-تاجىكىستان چېگرىسىنى قوغداش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رۇسىيىنىڭ ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئافغانىستان رايونىغا قاراتقان ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم.

بۇ قېتىم دمىترى مېدۋېدېۋ رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجىكىستاندا يەنە 49 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇردى شۇنىڭدەك ئافغانىستان، پاكىستان، تاجىكىستان رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ئافغانىستان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھېچقاچان ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسا كېرەك.

نۆۋەتتە، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇلغىيىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە تاجىكىستان ئەگەر ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرسە، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا تالىبانلارنى ئاساس قىلغان رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۆتكەن يىلى تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگراسىدا رادىكال گۇرۇپپىلار بىلەن تاجىك چېگرا قوشۇنلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق تاجىك ئەسكىرى رادىكاللار تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن تاجىكىستان تەرەپ ئۆز چېگرىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن رۇسىيىدىن ياردەم سورىغان ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 1990-يىللاردىكى قانلىق ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن تاجىكىستان رەھبەرلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەنىلا رۇسىيىگە تايانماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن. رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندا ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشى ئۇنىڭ ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن تاجىكىستان رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدا باشتىن ئاخىرى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن.

ھازىر رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا ھەربىي بازىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئۆزبېكىستان بىلەنمۇ ھەربىي ئىتتىپاق كېلىشىمۇ تۈزگەن.