تاجىكىستان ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا بېرىۋەتتى

تاجىكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-يانۋار كۈنى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتنىڭ تۆۋەنكى پالاتاسى خىتاي بىلەن بولغان دۆلەت چېگراسىنى بەلگىلەش ۋە ئېنىقلاش توغرىلىق ھۆججەتنى تەستىقلىغان.

0:00 / 0:00

تاجىكىستاننىڭ "خاكاسىيە" ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەزكۇر كېلىشىم بويىچە خىتايغا 1،1 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، يەنى تاجىكىستاننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 0،77 پىرسەنتىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى، ئىلگىرى تاجىكىستان زېمىنى 143،1 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرنى تەشكىل قىلغان بولسا، ئەمدى 142،0 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغانلىقى، دۆلەت پارلامېنتى ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك بۇ قارارنى قوللىغانلىقى، پەقەت ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، يەنى، تاجىكىستاننىڭ ئىسلام ئويغىنىش پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭلا قارشى چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەزكۇر ئاگېنتلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئادەتتە پرېزىدېنت رەھبەرلىكىدىكى خەلق-دېموكراتىيىلىك پارتىيىسى لىنىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاجىكىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يەر جېدىلى 1880-يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن. خىتاي شەرقىي پامىرنىڭ بىر قىسمىغا دەۋا قىلغىنىدا، رۇسىيە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن باش تارتقان ھەمدە بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئەمومالى راخمان 2002-يىلى بېيجىڭدا رەسمىي سەپەردە بولغىنىدا خىتايغا شەرقىي پامىر رايونىدىكى 1،1 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان. ئىلگىرى خىتاي تاجىك زېمىنىنىڭ 28،5 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يېرىگە دەۋا قىلغان ئىكەن.

تاجىكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خامروخون زارىپى تالاش-تارتىشتىكى يەرنىڭ پەقەت 3 پىرسەنتىنى قايتۇرۇش توغرىلىق ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشىنى تاجىكىستان دىپلوماتىيىسىنىڭ ئۇلۇغ غالىبىيىتى دەپ ئاتىغان. تاجىكىستان كوممۇنسىتلىرىنىڭ رەھبىرى شودى شابدولوف بۇ ھۆججەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ خىتاي بىلەن بولغان 130 يىللىق يەر جېدىلىگە چېكىت قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەم "بىز بۇ جېدەلنى ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرماسلىقىمىز لازىم" دەپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ قارارنى قوللاشقا ئۈندىگەن.

ئەمما شۇنداقتىمۇ تاجىكىستان ئىسلام ئويغىنىش پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مۇخىدىن كەبىرى مەزكۇر ھۆججەتنىڭ تەستىقلىنىشىنى تاجىك دىپلوماتىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ دۆلەت قانۇنىنىڭ 7-ماددىسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تاجىكىستاننىڭ "ۋاتاندور" ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دودودجون ئاتوۋۇللويېف بولسا ئۆزىنىڭ رۇسىيىنىڭ "كوممېرسانت" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئالېكساندىر رېئۇتوف بىلەن بولغان سۆھبىتىدە پرېزىدېنت راخماننى يەر مەسىلىسىدە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تاجىكىستان تەرەققىياتىغا سېلىۋاتقان مەبلىغىنى ئوغرىلىۋاتقانلىقىدا ئەيىبلىگەن.

تاجىكىستاننىڭ "ئاسىيا پليۇس" ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان پايراف چورشانبىيېفنىڭ "تاجىكىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ باشلىقى: خىتاي بىلەن بولغان يەر جېدىلىنى ھەل قىلىپ، بىز مىللىتىمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچەكتىكى تۇراقلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن جىددىي بىر خەۋپنى ئېلىپ تاشلىدۇق" دېگەن ماقالىسىدە مەزكۇر مەركەز رەھبىرى سۇخروب شارىپوفنىڭ يۇقىرىدا ئاتالغان ھۆججەتكە ئىجابىي باھا بەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ماقالە ئاپتورى س.شارىپوفنىڭ سۆزىنى مۇنداق دەپ نەقىل كەلتۈرگەن: "بۇ مەسىلە بۇرۇندىنلا مەۋجۇت ئىدى. سوۋېت دەۋرىدە ئۇ ھەل قىلىنماي، توختىتىلىپ قويۇلغان. ئەمما سوۋېتلار ئىتتىپاقى خىتايغا ئوخشاش قۇدرەتلىك دۆلەتنى، ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى توسالايتتى، ھاجەت بولسا ئۇنى جايىدا ئولتۇرغۇزۇپمۇ قويالايتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن تاجىكىستان ۋەيرانچىلىق گىرۋىكىگە كېلىپ قالدى. خىتاي ئۇ يىللاردا پۈتۈنلەي بەدەخشاننى بېسىۋالار ئىدى، ھېچ كىم غىڭ قىلالمايتتى. بولۇپمۇ بىز ئۇزارا ئۇرۇشۇۋاتاتتۇق، ئۇنىڭغا ۋاقتىمىزمۇ يوق ئىدى. كىم قارشى تۇرالايتتى؟ ھېچ كىم. ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كىم ھېچ نەرسىنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرەلمەيتتى. چوڭ دۆلەتلەر دېگەن چوڭ. ئۇلار سورىمايدۇ، ئۇلار دېگىنىنى قىلىدۇ. ئاندىن ئۆزلىرى قىلغان ئىشلار ئەتراپىدا ئۆزلىرىنىڭ ئويۇن قائىدىلىرىنى ياساپ چىقىدۇ." س. شارىپوفنىڭ تەكىتلىشىچە، تاجىكىستان خىتاي تەرەپتىن كەلگەن خوجىلارغا قارشى تۇرالمايدىكەن.

مەزكۇر يەر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇماتلار رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ بېسىلماقتا. "ۋزگلياد رۇ" تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "يېرىنى چىشلەپ ئۈزۈۋالدى. تاجىكىستان خىتايغا ئۆز يېرىنىڭ بىر قىسمىنى بېرىۋېتىپ، پادىشاھنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يەر جېدىلىنى تامام قىلدى"دەپ ئاتالغان ماقالىسىنىڭ ئاپتورى ئولگا گرىتسېنكو تاجىكىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يەر جېدىلىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاجىكىستان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن خىتاي ئۇنىڭغا چېگرا توغرىسىدا يېڭى كېلىشىمنى ئىمزالاش ۋە بەلگىلەنگەن چېگرا لىنىيىسىنى قايتا قاراپ چىقىشنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن. خىتاي چېگرا رايونىدىكى ئۈچ جاينى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1999-يىلى ئىككى جاينىڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ بولغان ئىكەن، يەنى تاجىكىستان كارزاك داۋانى رايونىدىكى جايلارنى ئۆز قول ئاستىدا ساقلاپ قالالىغان، ئەمما بۇنىڭ ئورنىغا ماركانسۇ دەرياسى يېنىدىكى جاينى قاق ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇنىڭ 200 كىلومېتىرلىق مەيدانىنى خىتايغا بېرىۋەتكەن. ئەمدى سۆز بولۇۋاتقان شەرقىي پامىر رايونىدىكى ئۈچىنچى جاينىڭ تەقدىرى بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى ھەل قىلىنىپ بولغان.

ئولگا گرىتسېنكو باشقىمۇ سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇ جۈملىدىن قىرغىزىستاننىڭ 12 كۋادرات كىلومېتىرنى، قازاقىستاننىڭ 407 كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى خىتايغا تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ شۇنداقلا رۇسىيىنىڭ تاراباروف ئارىلى ۋە چوڭ ئۇسسۇرىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ خىتايغا بېرىۋېتىلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

ئۇكرائىنانىڭ ۋۋس گېزىتىدە بېسىلغان تارىخچى بۇرخون ساپارالىيېفنىڭ رەھىم ماسوف: مەن تاجىكىستان زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا بېرىش توغرىلىق ھۆججەتكە قول قويمىغان" ناملىق ماقالىسىدە تاجىكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، كۆرۈنەرلىك ئالىم رەھىم ماسوفنىڭ ب ب س رادىئوسىنىڭ پارس بۆلۈمى خىزمىتىگە بەرگەن سۆھبىتىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ر. ماسوف مۇنداق دېگەن: "بۇ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتا قارارى بولدى. بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ يەر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ بۆلۈنمەسلىكى ھەر بىر تاجىك ئۈچۈن ۋىجدان ۋە ئابرۇيدۇر. مەن بۇ ھۆججەتكە قول قويمىدىم، يەنى مەن ئۆز ئىسمىمنىڭ تارىختا قارا داغ ۋە رەسۋاچىلىق بىلەن قېلىشىنى خالىمىدىم."

ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىملارنىڭ سوۋېت دەۋرىدىن باشلاپ قىلغان كۆپ يىللىق ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە تاجىكىستاننىڭ دەل مۇشۇ يېرىدە، يەنى شەرقىي پامىردا، يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ 17 تۈرلۈك زاپىسىنىڭ ياتقانلىقى ئېنىقلانغان.