«ئاسىيا مەركىزى» تور گېزىتىدە بۇ ھەقتە بىر نەچچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇلاردا تاجىكىستان يېرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تاجىكىستانغا ئىش-خىزمەت باھانىسى بىلەن كىرىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقى ھەم شۇنداقلا تاجىك قىزلىرىغا ئۆيلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ تاجىكىستان ئىقتىسادىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى، ئۇ يەردىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغان ئىدى.
يېقىندا مەزكۇر تور گېزىتىدە تاجىك ئانالىزچىسى ئىسمونقۇل گاففوروف «بىزنىڭ تاجىكلىرىمىز رۇسىيىدە ياللىنىپ ئىشلەۋاتقاندا، خىتايلار ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان يەرلىرىگە ئورۇنلاشماقتا» ناملىق ماقالىسىدە كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ تاجىكىستانغا ئوچۇق بېسىپ كىرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان. ماقالە ئاپتورى بۇ ئەھۋالنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن، بىرىنچىدىن، بۇ، كۆپلىگەن مەملىكەتلەرنىڭ ئەمدى تاجىكىستانغا ماددىي ياردەم بېرىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياردىمى ئەمەلدارلارنىڭ يانچۇقلىرىغا كېتىپ، ئەمەلىيەتتە ئاددىي خەلققە يەتمەيۋاتقانلىقى بىلەن چۈشەندۈرۈلمەكتە. پەقەت خىتايلا راخمانغا پۇل بېرىشكە، شۇنداقلا خىتاي تىجارەتچىلىرىنى تاجىكىستاندا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشكە تەييار. ئامما ھايات شۇنى كۆرسىتىۋاتىدۇكى، خىتايلار ھېس نەرسىنى تاسادىپىي قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ «تىنچ» بېسىۋېلىش تاكتىكىسى پۈتكۈل ئالەمگە ياخشى مەلۇمدۇر.» ئى. گاففوروف بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە دەسلەپتە مەملىكەتتە بىر نەچچە خىتاينىڭ پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولاراق ئادەتتىكى ياللانما ئىشچىلار بولغانلىقى، ئاندىن ئۇلارغا ئۆز ئائىلىلىرىنى ئېلىپ كېلىش رۇخسەت قىلىنىپ، كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ پەيدا بولغانلىقى، ئەمدى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۆپ بولغانلىقتىن بەزىدە پۈتۈن بىر يېزىنىڭ ئونلىغان يىللار ئەمەس، بەلكى بىر نەچچە يىللار ئىچىدە خىتايلارغا تولۇپ، بۇنىڭغا پەقەت ھەيران قالىدىغانلا ئەھۋالنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ۋە باشقىمۇ سەۋەبلەرنى كەلتۈرگەن. ئۇ شىمالىي ئامېرىكىدا، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدە خۇددى شۇنداقلا ئەھۋالنىڭ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئى. گاففوروف بۇنىڭدىن تاشقىرى تاجىكىستاندىكى خىتاي كومپانىيىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەپ يازغان:
«...بۇ يەرگە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن كۆپلىگەن شىركەتلەر كەلدى. ئامما بۇ لايىھىلەر ئۈستىدە ئىشلەش ئۈچۈن ئۇلار تاجىكلارنى ئەمەس، بەلكى خىتايلارنى جەلپ قىلماقتا. ھەم تاجىكىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدىكى خىتايلار ئەمدى ئونلاپ ۋە يۈزلەپ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپلەپ سانالماقتا. مىسال ئۈچۈن يىراققا بارمىساقمۇ بولىدۇ. خىتايدىن كەلگەن مەبلەغلەرگە ئىستارافشان-خودژەنت يولى سېلىندى. ئاز پۇل سەرپ قىلىنمىدى. ھۆكۈمەت ئۇلارنى قانداق قايتۇرۇپ بېرىش ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا. ھە، دەل شۇ ۋاقىتتا «مېھرىبان» خىتايلار پۇلنىڭ ئورنىغا ئىستارافشان رايونىدىكى يەر مەيدانلىرىنى بېرىۋېتىشنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، بۇ يەر مەيدانلىرىدا ئالدى بىلەن ۋاقىتلىق ماكانلار، ئاندىن خىتاي ئىمپېرىيىسى تۇرغۇنلىرى ئۈچۈن پۇختا ئۆيلەر پەيدا بولۇپ، ئۇلار خېلى كۆپىيىدۇ. يەرلىك ئاھالە ئەمدى تەشۋىشلەنمەكتە ھەم پات يېقىندا خوجايىن ئورنىدا بولۇپ قالىدىغان مۇنداق «مېھمانلار» غا قارشى چىقماقتا. ئامما يەرلىك دائىرىلەر دۈشەنبىگە تايىنىپ، خىتايلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشنى داۋام قىلماقتا.»
ماقالە ئاپتورى خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ سودىغا ئىنتايىن تېز ئۆگىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تاجىكىستاننى ئەرزان تاۋارلار بىلەن قاپلاپ، بۇ تاۋارلارنى يېقىندا يەرلىك تىجارەتچىلەر ساتقان بولسا، ئەمدى پات-پاتلا خىتايلار ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىپ، سېتىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خىتايلارنىڭ يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ بازىرىنى بۇزۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنىڭمۇ كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئى. گاففوروف خىتاينىڭ سىن-زيان شىركىتىگە خاتلون ۋىلايىتىنىڭ ياۋان رايونىدىن 412 گېكتار، خەيلى كومپانىيىسى ئۈچۈن 50 گېكتار يەرنىڭ ئاجرىتىلغانلىقىنى، يېقىندا تاجىكىستان يېزى ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە 6 مىڭ گېكتار يەرنى ئىجارىگە بېرىش ھەققىدە قارار ئالغانلىقى توغرىلىق مەلۇماتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىپ، تاجىكلارنىڭ خىتايلارنىڭ تاجىكىستان ئىقتىسادىدىكى ھۆكۈمران رولىغا قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 1500 تاجىك ئىشچىسىنىڭ ئەمگەك ھەققىدىكى تەڭسىزلىككە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە قېزىپ چىقىرىلىۋاتقان ئالتۇننىڭ 75 پىرسەنتىنىڭ خىتايغا ئەۋەتىلىپ، پەقەت 25 پىرسەنتىنىڭ تاجىكىستاندا قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.