0:00 / 0:00
خىتايمۇ تەرەققىيات جەھەتتە ئارقىدا قالغان، ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز، ئەمما ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولغان بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىگە ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىش، مەبلەغ سېلىش يوللىرى ئارقىلىق، سىڭىپ كىرىش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى جىددىيلەشتۈرمەكتە. قەشقەر رايونى بىلەن ئۇزۇن چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە بولغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي قوشنىسى ھېسابلىنىدىغان تاجىكىستاندا، تۈركىيە پۇقراسى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يېقىندا توساتتىن سىرلىق ئۇسۇلدا غايىب بولۇشى بىلەن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى بۇ دۆلەتكە تىكىلگەنىدى.
تۆۋەندە بىز كانادادىكى تاجىكىستانلىق پائالىيەتچى مۇھەممەد سايىد ئەپەندى بىلەن تاجىكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.