تاجىكىستان خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، بۇ مەملىكەتلەرنىڭ يەر - زېمىنى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن قوشنا خىتاينىڭمۇ قىزىقىشىنى پەيدا قىلغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەنلا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىدە يەر جىدىلى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئوتتۇرا چىقتى.

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ تۆۋەنكى پالاتاسى تەرىپىدىن خىتاي بىلەن بولغان دۆلەت چېگرىسىنى بەلگىلەش ۋە ئېنىقلاش توغرىلىق ھۆججەتنى تەستىقلىشى نەتىجىسىدە تاجىكىستاننىڭ تاغلىق - باداشخان ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 1،1 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ ئۆز نوۋىتىدە بىر مۇنچە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەم پارتىيىلەرنىڭ نارازىلىقىنى تۇغدۇرغان بولۇپ، ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە تاجىكىستاننى خىتايدىن ئېقىپ كىرىۋاتقان كۆچمەنلەر ئەھۋالى بىئارام قىلماقتا.

ئازادلىق رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان « خىتايلارنىڭ تاجىكىستانغا ئاممىۋى كىرىپ كېلىشى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى مىزونابىئى خولىكزود مۇنداق دەپ يازغان: « ياشاش شارائىتىدىكى قالايمىقانلىقلار ۋە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئاھالىلىك خىتايدىن قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئۆسۈشى ئۆز ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايۋاتقان كىچىككىنە تاجىكىستاننى تەشۋىشلەندۈرمەكتە. تاجىكىستاننىڭ كۆچمەنلەر خىزمىتى ۋەكىللىرى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، بازارلارنى تولدۇرۇۋاتقان مەزكۇر تاۋارلار ۋە ئەرزەن ئەمگەك ھەققى بەش يىلدىن كېيىن جىددىي دېموگرافىيىلىك مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر دۈشەنبىنىڭ مەركىزىي كوچىلىرىدا ماڭىدىغان بولساق، ئىككىدىن ۋە ئۈچتىن سەيلە قىلىپ يۈرگەن خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. نەق پرېزىدېنت سارىيى ئالدىدا ئاياق كىيىم دۇكىنى ئېچىۋالغان بىر خىتاي تىجارەتچىسى « تاجىكىستاندا پەقەت ئەرزەن تاۋار تەكلىپ قىلغانلارلا ئۇتۇققا يېتىشى مۇمكىن» دېگەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھاياتتىن رازىلىقىنى، ئۇنىڭ ئىشىغا ھېچكىمنىڭ توسالغۇلۇق قىلمايۋاتقانلىقىنى ھەم دۇكىنىنىڭ خېرىدارغا تولۇپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان.»

ماقالە ئاپتورى ئەمدى تاجىك تىجارەتچىسىنىڭ پىكرىنى بىلدۈرگەن ھالدا يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «سۆھبەتدىشىمىز شۇنى ئېيتتىكى، مۇبادا ئەھۋال مۇشۇنداقلا دەۋاملىشىدىكەن، تاجىك تىجارەتچىلىرىگە كېلەچەكتە ئېغىر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا قارا ئىشلارغىمۇ رازى، ئەمما ئۇنىمۇ تېپىش تەس بولىدۇ. خىتايلار يا تاجىك، يا ئىنگلىز، يا رۇس تىلىنى بىلمەيدۇ. مۇمكىن، ئوننىڭ ئىچىدىن رۇس تىلىدا بىر ئاز سۆزلەلەيدىغان بىر كىشىنى تېپىشقا بولىدىغاندۇ. شۇنىڭغا قارىماستىن، خىتايلارنى تاجىك ئائىلىلىرىدىمۇ كۆرۈشكە بولىدۇ.» مىزونابىئى خولىكزود شۇنداقلا كېيىنكى توققۇز ئاي ئىچىدىلا دۈشەنبە تۇغۇتخانىلىرىدا 13 بالىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ تاجىك، ئاتىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى، بەزى تېگىشلىك ئورگانلارنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قانۇنىي رەۋىشتە كىرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قەرەلى پۈتسىمۇ، پارا بېرىش ئارقىلىق قەرەللىرىنى ئۇزارتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

« نېمىس دولقۇنى» ئېلان قىلغان خەيرۇللا مىرسايىتوفنىڭ « خىتايلار تاجىكىستاننىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەكتە» ناملىق ماقالىدە تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىر تۇتاش كۆچمەنلەر مەركىزىنى قۇرۇش ئارقىلىق خىتايدىن كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر ئېقىمىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. كۆچمەنلەر خىزمىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تاجىكىستاندا بىر يېرىم مىڭغا يېقىن، ئەمدى مۇستەقىل ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، 80 مىڭدىن ئوشۇق خىتاي كۆچمىنى بار ئىكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستاننىڭ كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلىرىدە خىتاي بازارلىرى ۋە دۇكانلىرى ئىشلەۋاتماقتا، خىتاي كومپانىيىلىرى بولسا ئاساسى جەھەتتىن ئاپتوموبىل يوللىرىنى، تاغ ئاستى يوللىرىنى، زاۋۇتلارنى، ئېنېرگىيە ئوبېكتىلىرى ۋە ئېنېرگىيە لىنىيىلىرىنى سېلىۋاتماقتا ئىكەن.

ئانالىزچىلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەرتنامە قەرەلى ئاياقلاشقاندىن كېيىنمۇ چىقىپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تاجىكىستان قانۇنى بىلەن توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاجىك قىزلىرىغا ئۆيلىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالە ئاپتورى بىر قاتار خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەرلىك ئاھالە ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشمەسلىكلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاخىرقى يىللاردا ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى ئارىسىدا ئاممىۋى توقۇنۇشلارمۇ يۈز بېرىپ، جىنائىي ئىشلارنىڭ قوزغالغانلىقىنى، خىتاي پۇقراللىرىنىڭ بولسا مەملىكەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.