تالىبان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.12.22
2009.12.22

AFP Photo
بولۇپمۇ تالىبان رەھبەرى موللا ئۆمەرنىڭ روزى ھېيىت تەبرىك تېلېگىراممىسىدا خوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ياخشى مۇناسىۋەت ئۆرنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تالىباننىڭ خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر دەپ قارالماقتا.
31 - نويابىر كۈنى پاكىستاننىڭ "ئائاج دائىلي" ناملىق كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەبۇ يەھيا ئەللىيبى ئىسىملىك ئەلقائىدىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبىرىنىڭ 6 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئۇنۇتۇلغان يارا شەرقىي تۈركىستان" ناملىق سىنئالغۇ لېنتىسىدا، تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەرنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش يولىدىكى بىر قىسىم چاقىرىقلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.

لىنتىدا ئەبۇ يەھيا ئەللىيبى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھېمايە قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە خىتاينى خوش قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ "كاپىرلىق" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەسلىدە، تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەر، روزا ھېيىت تەبرىك تېلېگراممىسىدا، خوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ياخشى مۇناسىۋەت ئۆرنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، تالىبان رەھبىرىنىڭ بۇ سۆزىگە ناھايىتى ئېغىر شەكىلدە رەددىيە بەرگەن ئەبۇ يەھيا ئەللىيبى مەزكۇر سىنالغۇدا، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلىگەن. شۇنداقلا كىمىكى، خىتايغا ياخشىچاق بولۇشنىڭ كويىغا كىرىدىكەن ئۇنىڭ "كاپىر" ھېسابلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر تالىبانلارنىڭ 1999 - يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچى ژورنالىست ئازاتجان بۇغرا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.