0:00 / 0:00
تامارا خانىم ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بۇ ساھە بويىچە بىر قانچە پارچە كىتاب ۋە كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.
تامارا خانىم ئالمۇتا ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدە مەخسۇس مۇزىكا پەنلىرى بويىچە ئالىي مەلۇماتلىق بولغان ھەمدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللار قازاقىستان دۆلەتلىك كانسورۋاتورىيىسى، يەنى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى.
ئۇ ھازىر كانادا مۇھاجىرەتتە ياشىماقتا ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە خەلقاراغا تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، تامارا خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.