تامەر ئەر يىگىت، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرى تەرەققى قىلغانسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى قوغدىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.
سوئال: سىزنىڭچە، تۈركىيە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ ج ھ پ رەئىسى قىلىچدار ئوغلىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر زىيارىتىگە قانداق باھا بېرىسىز؟ سىزنىڭچە، بۇ زىيارەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولامدۇ؟
جاۋاب: شەرقىي تۈركسىتانغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىرلىرى زىيارەتكە بېرىشى بىلەن ئۇ يول ئېچىلدى. تۈنجى بولۇپ، تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى، باش مىنىستىر ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە باردى. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئۈرۈمچىگە باردى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى قەشقەرنى زىيارەت قىلدى. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشى بىلەن خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسى مۇناسىۋەتلەر تەرەققى قىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدار ئوغلى خىتايغا زىيارەتكە باردى. قىلىچدار ئوغلىمۇ ئۈرۈمچىگە باردى ۋە يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى. بۇ زىيارەتلەر ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلىدۇ ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بەك مۇھىم دەپ قارايمەن. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى قىلىچدار ئوغلىنىڭ بۇ زىيارىتى بەك مۇھىم. مەن مەتبۇتلار ئارقىلىق بۇ زىيارەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن، بۇ زىيارەتلەر ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن خۇسۇسەن ئۇيغۇر تۈركلىرى قاتارلىق شەرقىي تۈركسىتاندىكى پۈتۈن تۈركلەر ئۈچۈن پايدىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە خەلقى ئۇ رايونغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
سوئال: قىلىچدار ئوغلىنىڭ بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ئاخباراتلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان، بۇ ئۇچرىشىشتا قىلىچدار ئوغلى ئۇيغۇر مەسىلىسنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى قويمىغانلىقى توغرىسىدا مەتبۇئاتلاردا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. سىزنىڭچە، بۇنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟
جاۋاب: كامال قىلىچدار خىتاي دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى دەپ قارايمەن، كامال قىلىچدار ئوغلى تۈركىيىدە بىر ئۆكتىچى پارتىيە رەئىسى بولسىمۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان ئاساسى مۇخالىپ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، بۇنداق بىر پارتىيىنىڭ رەئىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى، بۇ ھەقتە سۆزلەشمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلدى دەپ قارايمەن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ئۈرۈمچى، تۇرپان، تەكلىماكان چۆلى، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، قاغلىق، تەڭرىتاغلىرى ۋە خوتەن دېگەنگە ئوخشاش يەرلەرگە بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئالدى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ ئۇ يەردىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىش قىيىن بىر ئىش ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان خىتاي ئاۋىئاسىيە شېرىكىتى شەرقىي تۈركىستان ئۈرۈمچى ئارقىلىق بېيجىڭغا ئۇچىدۇ، ھەتتا ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاستە ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ، بۇ بەك مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش. ئىلگىرى ئۇ يەرگە تۈركلەرنىڭ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھازىر خالىغان كىشى ساياھەت ئۈمىكى بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلەلەيدۇ، مەنمۇ بىر ساياھەت ئۈمىكى بىلەن ئۇ يەرگە 2 قېتىم زىيارەتكە باردىم.

سوئال: سىز ئۇيغۇر دىيارىغا ئىككى قېتىم زىيارەتكە بېرىپسىز، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ۋە سىياسى ۋەزىيىتى توغرىىسدا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
جاۋاب: مەن ئىككى قېتىم خىتايغا ۋە شەرقىي تۈركسىتانغا زىيارەتكە باردىم. مەن ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىگە باردىم ئۇ يەردىن تۇرپاننى زىيارەت قىلدىم، تۈرپاننىڭ ئۈزۈمزارلىق گۈزەل مەنزىرلىرىنى ئايلاندىم. تۇرپان تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئېتىكىدە تاغ باغرىدا گۈزەل ئۈزۈمزارلىق مەنزىرىلەرنى، كارىز قۇدۇقلىرىنى زوق بىلەن ئايلىنىپ چىقتىم. كېيىن ئايروپىلان بىلەن خوتەنگە باردىم. گۈزەل گىلەملەر ۋە قاش تېشى ماكانى خوتەننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇيغۇر سىڭىللىرىمىز گىلەم توقۇۋاتقان زاۋۇتلارنى كۆردۇق. تەكلىماكان چۆلىنى تۈگىگە مىنىپ ئايلاندۇق، خۇددى نەچچە يۈز يىل ئىلگـرى ئەجدادلىرىمىز تۈگىگە مىنىپ بېسىپ ئۆتكەن قەدىمى يىپەك يولىنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋاكالىتەن بېسىپ ئۆتكەندەك ھېس - تۇيغۇغا كەلدۇق. كېيىن يەكەنگە باردۇق، ئۇيغۇر سۇلتاننىڭ ئايالى ۋە 12 مۇقامنىڭ ئىجادكارى ئاماننىسخاننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدۇق، يەكەندىكى خان مازارلىرىنى زىيارەت قىلدۇق، يەكەن بازىرى خۇددى بىزنىڭ ئانادۇلىيىنىڭ بازىرىغا ئوخشاش ئىكەن. ئۆزىمىزنى خۇددى ئانادۇلىيىدە بىر بازارغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق، بازاردا كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. يەكەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن قاغلىققا ۋە قاغلىقتىن قەشقەرگە باردۇق. قەشقەر مۇھىم بىر دىيار، قەشقەر تەڭرىتاغ بىلەن پامىر تاغنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان گۈزەل بىر يەر، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرسىنى زىيارەت قىلدۇق، كېيىن پۈتۈن تۈركىستانغا ئىسلام مەدەنىيىتىنى تارقاتقان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتۇشتىكى قەبرىسىنى زىيارەت قىلدۇق ۋە ئاتۇشتا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە جۈمە نامىزى ئوقۇدۇق، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئاپپاق خوجانىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلدۇق. كېيىن قەشقەرنىڭ بازار - كوچلىرىنى ئايلاندۇق، بۇلار ئۇ يەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ئالاھىدلىكلىرى، ئەمما ئۇ يەردە خەلق بېسىم ئاستىدا ياشايدۇ، گەرچە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىن ساياھەتچىلەر كېلىپ تۇرىدىكەن، مېنى ئەڭ قايغۇغا سالغان بىر ئىش بولسا يولنىڭ ھەممە يېرىدە توساق بولۇپ يولدىن ئۆتكەن ھەر قانداق ئادەم تەكشۈرۈلىدۇ، ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈلىدۇ، خۇسۇسەن قەشقەرگە كىرىپ چىقىشتا ئىنسانلار توساقتا قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەن، ئاپتوموبىللار بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈلىدۇ، ئاياللار، كىچىك باللار ئۇزۇن ساقلايدىكەن، ئەمما ئۇ يەردە ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن بىر ھاجەتخانا يوق، قىيىن ئەھۋالدا قالىدىكەن. ئىنسانىيەتكە مۇناسىپ بولمىغان بىر ئىش دەپ قارايمەن. ئۇ يەردە ئىنسان غۇرۇرىنى يەنجىيدىغان بىر شەكىلدە بېسىم بار. مەن ئۇ يەردىكى ئىنسانلار ئۈچۈن بەك ئېچىندىم. ئەمما تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۇيغۇرلارغار پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرى تېخىمۇ ياخشى بىر شەكىلدە قوغدىلىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن، تۈركىيە بۇ يەردە كۈچلۈك بولغانسېرى ئۇيغۇر قاتارلىق دۇنيادىكى كۆپلىگەن مەزلۇم مىللەتلەر كۈچلۈك بولىدۇ. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن ئۇيغۇرلار جىددىي بىر شەكىلدە پايدىلىنىدۇ دەپ قارايمەن. ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدىلىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن. ئىنسانپەرۋەرلىك ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.