ئۇنداقتا تامىل ئارسلانلىرى كىملەر؟ ئۇلار كىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ ۋە كۈرىشىنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟
" تامىل ئارسلانلىرى" سىرلانكىدا ياشاۋاتقان تامىل مىللىتىگە مەنسۇپ بىر قوراللىق تەشكىلاتتۇر. ئۇلارنىڭ غايىسى نۆۋەتتە سىرلانكانىڭ شىمالىي ۋە شەرقى قىرغاقلىرىغا جايلاشقان تامىل رايونلىرىدا "تامىل - ئەلام" دۆلىتىنى قۇرۇشتۇر.
تامىل مىللىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ ھىندىستان ۋە سىرلانكاغا قوشۇۋېتىلگەن. ھىندىستان چېگرىسى ئىچىدىكى تامىل خەلقىغە يۈكسەك ئاپتونومىيە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار تامىل نادۇ دەپ ئاتىلىدىغان ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىدا ياشىماقتا.
سىرلانكادىكى تامىل خەلقى، سىرلانكادىكى ھاكىم مىللەت سىنگللار تەرىپىدىن ئېغىر مىللىي كەمسىتىش ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلگەن. بۇ رايوندا، 1983 - يىلى 23 - ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ، بەزىدە كەسكىنلەشكەن بەزىدە پەسەيگەن ھالەتتە ئۇرۇش ۋەزىيىتى داۋام قىلماقتا.
ئۇرۇش سىرىلانكا دۆلەت ئارمىيىسى بىلەن، تامىللارنىڭ ئازادلىق تەشكىلاتى بولغان تامىل ئارسلانلىرى ئارىسىدا داۋام قىلماقتا. بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى 70مىڭدىن ئارتۇق.
ئۇيغۇر ئاپتور م. ئازاتنىڭ تامىل ئارسلانلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، سىرلانكادا ئوتتۇرىچە كىشى بېشى كىرىم 5000 دوللار؛ ئەمما تامىللارنىڭ ئوتتۇرىچە كىشى بېشى كىرىمى 500 دوللاردىنمۇ تۆۋەن. ھەددىدىن زىيادە نامراتلىق تۈپەيلى، تامىل خەلقى 1970 - يىللاردا زۇلۇمنى ھىس قىلىش سېزىمنىمۇ يوقۇتۇپ قويغان. بۇ سەۋەبلىك ئەنە شۇ يىللاردا، بىر تامىل ئارسلانلىرى تەرىپىدىن قوزغالغان مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلەر، تامىل خەلقىنىڭ كەڭ - كۆلەملىك قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، ھەتتا تامىل خەلقىنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىنى پاش قىلىپ قويۇشىغا، تۇتۇپ بېرىشىگە ۋە سېتىۋېتىشىگە سەۋەپ بولغان؛ ئۇلار ئۆز قەھرىمانلىرىنى سېتىپ دۆلەتتىن مۇكاپات ئالغان. تامىل ئارسلانلىرى ئورمانلىقلارغا مۆكۈنۈشكە مەجبۇر بولغان، تەشكىلات بۆلۈنگەن ۋە ئەزالىرى تارقىلىپ كەتكەن.
تامىل ئارسلانلىرى 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا، قايتىدىن تەشكىللەنگەن. مىللىي ھەرىكەتتە، مىللىي ئىنتىزامغا ئالاقىدار كەسكىن قارارلارنى ئالغان. بۇ بويىچە، ھەر بىر تامىل ئائىلىسىدىن بىر كىشىنىڭ، تامىل ئارسلانلىرى تەشكىلاتىغا قېتىلىشىنى، ۋە بارلىق ئائىلىلەرنىڭ تامىل بېجى تاپشۇرۇشىنى، تامىللارنىڭ باش تارتماس مەجبۇرىيىتى دەپ ئېلان قىلىنغان.
تامىل ئارسلانلىرى يەنە مۇھاجىرەتتىكى تامىللار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ئۇلاردىنمۇ تامىل بېجى يىغقان. ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلار، تەشكىلات تەرىپىدىن ھەر خىل شەكىلدە جازالانغان. تامىل ئارسلانلىرى قايتا باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىغا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق زالىم ئەمەلدار ۋە مىللىي ساتقۇنلارنى ئۆلتۈرگەن. تامىل ئارسلانلىرى يەنە ھاكىم مىللەت بولغان سىنگاللارنىڭ چوڭ سودا ئورۇنلىرىغا ئوت قويۇپ، ئانا زىمىنىدىن ئاققۇن تىجارەتچىلەرنى قوغلىغان. بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەر 2005 - يىلدىن باشلاپ كەسكىنلەشكەن.
تامىل ئارسلانلىرى تەشكىلاتى بۈگۈنگە قەدەر، ئامېرىكا، ياپونىيە، برازىلىيە، كانادا قاتارلىق 32 دۆلەت تەرىپىدىن تېررورچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەمما بۇ ۋەزىيەت تامىل ئارسلانلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.
نۆۋەتتە تامىل ئارسلانلىرى سىرلانكانىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي بازىلىرىغا، ۋە ئەمەلدارلىرىغا بەزىدە ئاشكارا، بەزىدە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلماقتا. سىرىلانكا ئارمىيىسى تامىل ئارسلانلىرى يوشۇرۇنغان جايلارنى قۇرۇقلۇقتىن، ھاۋادىن ۋە دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىپ، بومباردىمان قىلماقتا.
تامىل ئارسلانلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقلىرى نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىماقتا. مۇشۇ ئاينىڭ 3 - كۈنى ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، توقۇنۇش ئىچىدىكى ئىككى تەرەپنى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى. تۈنۈگۈن يەنە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، سىرىلانكا ئارمىيىسىنىڭ تامىل ئارسلانلىرىغا قارشى ھۇجۇمىدا بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سىرىلانكا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىدى ھەم يەنە تامىل ئارسلانلىرىنى، خەلقنى قالقان قىلىۋالماسلىققا چاقىردى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، سىرلانكادىكى تامىللارنىڭ نوپۇسى 3 مىليون 100 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نوپۇسىغا يېقىنلىشىدۇ؛ ئۇلار دۆلەت قۇرماقچى بولغان زېمىننىڭ كۆلىمى 65 مىڭ 610 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرەر ناھىيىنىڭ يەر كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ.