توغراقلىقلارنىڭ يوقىلىشىدىكى جىنايەتچى كىم؟

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خۇدابەردى يۇنۇسنىڭ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 24 مىڭ مو توغراقلىقنى كۆتۈرە بېرىشكە تەستىق سېلىپ، توغراقلىقتا بوز يەر ئېچىلىپ، توغراقلىقنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەبكار بولغىنى ئۈچۈن سوتلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنكاس قوزغالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.09.15
Qamaqqa-elinghan-Maralbeshi-nahiye-muawin-bashliqi-305 ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﻰ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﺧﯘﺩﺍﺑﻪﺭﺩﻯ ﻳﯘﻧﯘﺳﻨﯩﯔ، ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ 24 ﻣﯩﯔ ﻣﻮ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻪﺳﺘﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﻩ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯘ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
http://news.qq.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا "مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى توغراقلىقنى ۋەيران قىلدى دەپ جازالاندى، ئۇنداقتا رايوندىكى توغراقلارنى كېسىپ بوز يەر ئېچىپ، 240 مىڭ گېكتار يەردىكى توغراقنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان بىڭتۈئەن قاچان جازالىنىدۇ؟" دېگەنگە ئوخشاش سادالار كۈچەيمەكتە.

خىتاي تىلىدىكى "تېڭشۈن" قاتارلىق تور بەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت يەر بايلىقىنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، 2008 - يىل، 1 - ئايدىن 2010 - يىل يىلغىچە دېلو تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، مارالبېشى ناھىيە تەۋەسىدىكى 30 مىڭ مو توغراقلىقنىڭ 24 مىڭ مو قىسمىنىڭ بوز يەر ئېچىلىش سەۋەبىدىن ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى خۇدابەردى يۇنۇس شامال ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى لى شىئۇۋېي، مەيداننىڭ پارتكوم سېكرېتارى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋەلى ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

خەۋەردە يەنە توغراقلىقنىڭ ۋەيران قىلىنىش جەريانى ھەم مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئەيىبلەش سەۋەبى مۇنداق بايان قىلىنغان: "2004 - يىلى، 2 - ئايدىن 2007 - يىلى 1 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، شامال ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى لى شىئۇۋېي ئورمان مەيدانىنىڭ نامىدا 39 كىشى بىلەن كۆتۈرە بېرىش كېلىشىمى تۈزۈپ، مارالبېشى ناھىيىسىدىكى توغراقلىقنىڭ 70%نى ئىگىلەيدىغان 17 مىڭ مو يەردىكى توغراقلىقنىڭ بوز يەر ئېچىلىپ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەينى چاغدا ناھىيىنىڭ دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان مۇئاۋىن ھاكىمى خۇدابەردى يۇنۇسنىڭ دۆلەتنىڭ ئورمان باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، بىۋاسىتە تەستىق سېلىشى بىلەن يەنە 7 مىڭ مودىن ئارتۇق توغراقلىق بوز يەر ئېچىلىپ ۋەيران قىلىنغان. نەتىجىدە پۈتكۈل مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى 30 مىڭ مو توغراقلىقنىڭ 24 مىڭ مو قىسمى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان."

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغالغان. بۇ خەۋەرنىڭ ئاستىغا يېزىپ قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ بىرىدە، "مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى خۇدابەردى يۇنۇس توغراقلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدا مەسئۇلىيىتى بار دەپ جازالاندى. ئەلۋەتتە، جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە تەبىئىي قوغدىلىۋاتقان توغراقلىقلارنى ۋەيران قىلغۇچىلار جازالىنىشى كېرەك. ئەمما، 1960 - يىلدىن بۇيان تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى بىڭتۈئەن تەرىپىدىن كېسىۋېتىلگەن توغراقلارنىڭ سانى يوق، بىڭتۈئەن يۇقىرى ئېقىندا سۇ مەنبەسىنى توسۇۋالغانلىقى ئۈچۈن دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى توغراقلىق قۇرۇپ كەتتى. بۇنىڭغا كىم جاۋابكار؟" دەپ يېزىلغان.
 
ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر خانىم ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئەركىن روزىنىڭ "بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار" ناملىق كىتابىنى ئوقۇغىنىدا كىتابتا تىلغا ئېلىنغان، تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدا دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بىڭتۈئەننىڭ كۆپلەپ بوز يەر ئېچىشى سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، توغراقلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدا ئەسلى جاۋابكارلىقنى بىڭتۈئەن ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1950 - يىللاردا دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2300 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، دەريا ۋادىسى پۈتۈنلەي توغراقلىق بىلەن قاپلانغان ئىكەن. 60 - يىللاردىن باشلاپ بىڭتۈئەننىڭ بوز يەر ئېچىشى نەتىجىسىدە، تارىم دەرياسى قىسقىراپ 900 كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا ئېقىپ كېلىدىغان سۇ 1 مىليارد 230 مىليون كۇب لىتىر بولغان بولسا، 70 - يىللاردا 670 مىليون كۇب لىتىرغا، 1993 - يىلىغا كەلگەندە بولسا 120 مىليون كۇب لىتىرغا چۈشۈپ قالغان. ھالبۇكى بۇ ئازغىنا سۇمۇ بىڭتۈئەننىڭ دەريا ۋادىسىغا قۇرغان 14 كۋادرات كىلومېتىرلىق داشىخەي سۇ ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان 300 كىلومېتىر دائىرىدىكى جايلارغا سۇ يەتكۈزەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. تارىم دەريا ۋادىسىدىكى 240 مىڭ گېكتار يەردىكى توغراقلىقمۇ قۇرۇپ كەتكەن.
 
تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى دوكتورى مۇختەر ئەپەندى، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشلەۋاتقاندا ۋە ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقاندا، تارىم دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ تارىم دەريا ۋادىسىدىكى240 مىڭ گېكتار يەردىكى توغراقلىقنىڭ قۇرۇپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
 
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ئەپەندى مارالبېشى ناھىيىسى ھاكىمى خۇدابەردى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، توغراقلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدا ئەڭ چوڭ جاۋابكار دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بىڭتۈئەننىڭ ھازىرغىچە جازالانماسلىقىنىڭ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۈئەن بىلەن مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىدەك كىشىلەرگە بولغان تەڭسىز مۇئامىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توغراقلىقلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدا ئەسلى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان بىڭتۈئەندەك چوڭ يولۋاسنى قويۇپ بېرىپ، توغراقلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدا چىۋىنچىلىك رولى بولغان خۇدابەردى يۇنۇسنى جازالىشى، يولۋاسنى تاققا قويۇپ بېرىپ چىۋىننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەندەك ئىش."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.