دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە، تارىخنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تارىخنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئوينايدىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "تارىخ، بۈگۈنىمىز ئۈچۈن بىزگە بىر تەجرىبە، پىكىر، كۆز قاراش ۋە نۇقتىئىنەزەر بېرەلمىسە، بولۇپمۇ ئىبرەت بېرەلمىسە ئۇنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. تارىخچى بىرىنچى قول مەنبەگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆتمۈش تارىخىنى يېڭىدىن يېزىپ چىققاندا ئاندىن بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ خاتا ئىشلارنى ئاز قىلىپ، توغرا ئىشلارنى كۆپ قىلىشىغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، مانا بۇ تارىخ بولىدۇ ."
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە يەنە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېدى: "تارىخ بىزگە ئۆتمۈشنى قانداق چۈشىنىشنى دەپ بېرەلمىسە، ئۇ پەقەت قان تۆكۈلگەن رومانتىك بىر ھېكايىدىن ئىبارەت. تارىخ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى بىرلەشتۈرۈش دېمەكتۇر، يەنى، ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسىنى بىر سىزىقتا سىزىش دېمەكتۇر. بۈگۈنكى ۋەزىيەتنىڭ سەۋەبى تارىختىن كېلىپ چىققان خاتالىق تۈپەيلىدىن شەكىللىنىدۇ. بۈگۈنكى بىر نەتىجە خاتا بولغان تەقدىردە، ئۇ كەلگۈسىدىمۇ خاتا نەتىجە بولىدۇ. توغرا سەۋەب قىلىنسا توغرا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ دېگەنلىكتۇر."
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئىستراتېگىيىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئىستراتېگىيە، بىر مەنپەئەتكە ۋە ياكى بىر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقىرىش دېمەكتۇر . ھەزرىتى ئەلى، 'بىلىم ۋە مال - بايلىق بىر ئادەم ئۈچۈن مۇھىم، مال-مۈلكىنى ئۆزى قوغداش لازىم، بىلىم سېنى قوغدايدۇ،' دېگەن. ئىستراتېگىيىمۇ بىر بىلىم، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتىمۇ بىر بىلىم! ."
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە يەنە رۇسىيىلىك بىر ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ، مۇنداق دېدى: "تارىخ بىر بىلىم ئىگىسىنىڭ ياكى تەتقىقاتچىنىڭ چۈشىنىش ۋە دىئاگنوز قويۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. تارىخ ئىستراتېگىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تارىخ، بەلكى بىزگە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوچۇق دېيەلمەيدۇ، ئەمما نېمىنى قىلماسلىق ھەققىدە بىزگە جاۋاب بېرەلەيدۇ."
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇردى: "تارىخنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى خاتا ئىشنى ئاز قىلىش. فرانسىيىلىك ئەندېرى بافېرى دېگەن ھەربىي ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى مۇنداق دەيدۇ: تارىخ، بۈگۈنكى مەۋجۇت بولغان نەزەرىيىنى قوللاش ياكى قوللىماسلىق رولىنى ئوينايدۇ. تارىخنى ياخشى بىلىش، بۈگۈنكى ۋەزىيەتنى باشقۇرۇشتا كەلگۈسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۈگۈنكى قىلغان سەۋەبلەر ئەتىنىڭ خاتا نەتىجىلىرى بولىدۇ. بۈگۈن توغرا ئىش قىلساق، ئەتە توغرا نەتىجىگە ئېرىشىمىز . ئەمما، بۇنى بىلىپ قىلمىغان تەقدىردە يەنە خاتا قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاننىڭ 20 - ئەسىردىكى پۈتكۈل سىياسىي تارىخىغا قارايدىغان بولساق، خاتا ئىشلار تولا بولغاچقا، ئۇ خاتالارنىڭ بەدىلىنى تۆلەۋاتىمىز. خاتا ئىشنىڭ بىر بەدىلى بار، توغرا ئىشنىڭ بىر مۇكاپاتى بار. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر قانچە خىل بىلىملەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدە توغرا يولنى تېپىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە توغرا بىر نەتىجىنى كۆرسىتىش لازىم. مائارىپنى يېڭىدىن چۈشىنىش لازىم، بۈگۈنكى دۇنيا ياۋروپانى مەركەز قىلغان بىر مەدەنىي دۇنيا، ياۋروپالىقلارمۇ قاراڭغۇلۇقتا مىڭ يىلنى ئۆتكۈزگەن."
"بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخىمىزدا بۇنداق باسقۇچلار يوق ئىدى. باشقىلارنىڭ تارىخنى ئۆگىنىمەن، ئۇ يەردىن توغرا بىر تەجرىبە چىقىرىمەن دېمەي، باشقىلار يەكۈنلىگەن ۋە ئېلىنغان تەجرىبىلەردىن بىۋاستە پايدىلىنىپ، توغرا يولغا ئۆتۈشىمىز لازىم ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.