ئامېرىكىدىكى تارىخىي سايلامنىڭ غالىپى - باراك ئوباما

ئامېرىكا خەلقى سەيشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ44‏ - نۆۋەتلىك پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقتى. سايلامنىڭ غالىپى دېموكراتلار نامزاتى ئافرىقا ئىرقىدىكى باراك ئوباما ئىدى.

0:00 / 0:00

باراك ئوباما سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەتلەردە ئېلان قىلىنغان سايلام نەتىجىسىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبى جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى جون مىككېيننى مەغلۇپ قىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان بولدى. ئۇ سەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە غالىبىيەت نۇتۇقى ئېلان قىلىپ، "بۇ بىزنىڭ تارىخىي مىنۇتلىرىمىز" دەپ جاكارلىدى.

بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ئامېرىكا تارىخىدىكى يىتۈك ۋەقەلەر بىلەن تولغان ئەڭ جىددىي سايلاملارنىڭ بىرى بولغان ئىدى. سايلامنىڭ يىتۇكلۇقى، ئامېرىكا تارىخىدىكى يېڭى بىر سەھىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، سايلامدا غەلىبە قىلغان نامزاتنىڭ ئافرىقا ئىرقىدىكى، دادىسى مۇسۇلمان بىر كېنىيىلىك، ئۆگەي دادىسى ھىندۇنېزىيىلىك، ئانا جەمەت مومىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان ئاق تەنلىك بىر ئايالنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىدە بولۇپلا قالماي، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا يەنە بىر ئايالنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا 1 ‏ - قېتىم ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالاشقانلىقىدا ئىدى.

باراك ئوباما سەيشەنبە كۈنكى سايلامدا خەلق ئاۋازىنىڭ %52 نى، 538 دانە سايلىغۇچى بېلەتنىڭ 338 نى ئېلىپ، رەقىبى جون مىككېيننى زور پەرقلەر بىلەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. ئانالىزچىلار ئوبامانىڭ غەلىبىسى ئامېرىكىدىكى ئېرقىي چەك - چېگرانى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئېرقىي چۈشەنچىسىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە مۇقىملاشقان ئىدى. جون مىكېين سايلام نەتىجىسى مۇقىملىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي رەقىبى ئوباماغا تېلېفون قىلىپ، سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئوبامانىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

سايلام كۈنىنى چىكاگودا ئۆتكۈزگەن باراك ئوباما شۇ كۈنى يېرىم كېچە سائەت 12:00 دە چىكاگودىكى Grand باغچىسىدا ئامېرىكا خەلقىغە غالىبىيەت نۇتۇقى سۆزلەپ، بۇ مىنۇتلارنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقىنىغا ئۇزۇن دەۋرلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما مۇنداق دەيدۇ": بۇ ۋاقىتنى كۈتۈۋاتقىنىغا ئۇزۇن زامانلار بولغان ئىدى. لېكىن بۇ بۈگۈن كېچە، بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدا ئەمەلگە ئاشتى. بۇ ھەل قىلغۇچ مىنۇتلاردىكى سايلام بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزگىرىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى." بۇ نۆۋەتلىك سايلامنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە سايلام ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. سايلامدا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان يېڭىلىقلارنىڭ بىرى ھەر نۆۋەتلىك سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئاۋاز بېرىپ كېلىۋاتقان شتاتلارنىڭ دېموكراتلار نامزاتى ئوباماغا ئاۋاز بەرگەنلىكى بولۇپ، ئوباما كونسېرۋاتىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ قورغىنى ھېسابلىنىدىغان ئوخايۇ، فلورىدا، شىمالىي كارولاينا، ۋىرجىنىيە شىتاتلىرىدا غەلىبە قىلغان ئىدى.

ئوباما كېلەر يىلى 20 ‏ - يانۋاردا ئاقساراينى ئۆتكۈزۈۋالسا، ئامېرىكىنىڭ 232 يىللىق دۆلەت تارىخىدا ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولغان تۇنجى ئافرىقا ئىرقىدىكى شەخس بولۇپلا قالماي، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاقسارايدىكى خوجايىنلىقىغا خاتىمە بېرىدۇ. ئوباما سايلام كېچىسى چىكاگودىكى Grand باغچىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا بۇ نۆۋەتلىك سايلام دېموكراتىيىنىڭ كۈچ ‏ - قۇدرىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلارغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، بۇ نۆۋەتلىك سايلام " ئەگەر ئامېرىكىدا ھەر نەرسىنىڭ مۇمكىنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلار، دۆلەت ئۇستازلىرىنىڭ غايىسى ھازىرمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلىنىدىغانلار، دېموكراتىيىنىڭ كۈچ ‏ - قۇدرىتىنى مەڭسىتمەيدىغانلار بولسا، بۇ كېچە بۇنىڭ جاۋابىنى سىلەر بەردىڭلار " دەپ خىتاپ قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىكېين ئامېرىكا خەلقى ئىچىدە ئابروي ۋە زور ئىناۋەتكە ئىگە سىياسىئون بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سايلامدا 338 سايلىغۇچى ئاۋازغا قارشى 155 ئاۋاز بىلەن رەقىبى، دېموكراتلار نامزاتى ئوباماغا ئۇتتۇرىۋەتتى. ئانالىزچىلار، پرېزىدېنت بۇش رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى 8 يىلدا يۈرگۈزگەن سىياسىتى ئامېرىكىلىقلاردا يېڭى يولغا مېڭىش تەلىپىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، سەرمايە كرىزىسىنىڭ بۇنى ئالغا سۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئوباما غالىبىيەت نۇتۇقى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى جون مىككېيىن ئارىزونا شىتاتىدا سايلام نۇتۇقى ئېلان قىلىپ، باراك ئوبامانىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. ئۆزىنىڭ ئوباما بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىغا قارىماي ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىكېين، ئامېرىكا خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىشقا، يېڭى رەھبەرلىك ئاستىدا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىگەن ئىدى.

ئارىزونا شتاتىدىكى بىر مېھمانخانا باغچىسىدا قوللىغۇچىلىرىغا سايلام نۇتۇقى سۆزلىگەن جون مىكېين"شۈبھىسىزكى، ئارىمىزدا نۇرغۇن پەرقلەر مەۋجۇت. لېكىن ھازىرقى ۋاقىت دۆلىتىمىز ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدۇر. مەن بۈگۈن كېچە ئوباماغا ئۇنىڭ بىزگە يىتەكچىلىك قىلىپ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم " دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى سايلام ئامېرىكا تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ سايلام بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان سايلام بولۇپ، ئوباما چىكاگو Grand باغچىسىدىكى نۇتۇقىدا ھەر قايسى ئەللەر خەلقىغە خىتاپ قىلىشنى ئۇنۇتمىدى. ئۇ " بىزنىڭ تۇپرىقىمىزدا بۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى پارلامېنت، ئوردا - سارايلاردا كۆرۈۋاتقانلار ياكى دۇنيانىڭ خىلۋەت جايلىرىدا رادىئو ئەتراپىغا توپلىنىپ ئاڭلاۋاتقانلارغا شۇنى دېمەكچى، بىزنىڭ كەچۈرمىشىمىز ئۆزگىچە بولسىمۇ، لېكىن تەقدىرىمىز ئورتاقتۇر. ئامېرىكىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك دەۋرى باشلاندى" دەيدۇ.

باغچىدىكى نۇتۇقىدا ئۆزىنىڭ رەقىبى، جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى جون مىكېيننى مەدھىيىلىگەن، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوباما، ئايالى Mechele Obama، ئىككى قىزى Sasha بىلەن Malia، سىڭلىسى Maya لارغا، سايلام ھەيئىتـى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى. لېكىن ئۆزىنى ئۆستۈرگەن، ئۆزىگە زور ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن مومىسىنىڭ سايلام ھارپا كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقانلىقىغا، ئۆزىنىڭ غەلىبىسىنى كۆرەلمىگەنلىكىگە چوڭقۇر ئۆكۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما سايلام غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان رىئاللىقلار يەنى ئىراق، ئافغانىستان ئۇرۇشى، پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى ۋە بۇ مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوباما مۇنداق دەيدۇ": بۇ يەردە يېڭى ئېنىرگىيەنى ئېچىش، يېڭى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش، يېڭى مەكتەپلەرنى سېلىش، تەھلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىتتىپاقداشلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش لازىم. يولىمىز ئۇزۇن، ئەگرى توقاي ۋە مۇشەققەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ بۇ نىشانغا بىر يىلدا ياكى 4 يىلدا يېتەلمەسلىك ئېھتىمالىمىز مەۋجۈت. لېكىن مېنىڭ بۇ نىشانغا يىتېدىغانلىقىمىزغا بولغان ئۈمىدۋارلىقىم بۇ كېچە مىسلىسىز ئاشتى."

پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەيشەنبە كۈنكى سايلام توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ ئوبامانى تەبرىكلىدى، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ھوقۇقىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى. ئامېرىكا خەلقىنىڭ تارىخ ياراتقانلىقىنى مەدھىيىلىگەن بۇش، "ئۇلارنىڭ بېلىتىنى قانداق تاشلىغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئامېرىكا خەلقى ئۆزلىرىنىڭ تۈنۈگۈن ياراتقان تارىخىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ.... ئۇلار دۇنياغا ئامېرىكا دېموكراتىيىسىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ ئاجايىپ نەمۇنىسىنى نامايەن قىلدى. ئۇلار تاللىغان پرېزىدېنتنىڭ كەچۈرمىشى ئامېرىكا تارىخىنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى، تىرىشچانلىقنىڭ پاكىتى، ئۈمىدۋارلىققا، ئىشەنچ ۋە دۆلىتىمىز بەرگەن ۋەدىنىڭ ئىزچىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ"، دەپ ئەسكەرتتى.

بۇش يەنە مۇنداق دەيدۇ": بىز ۋاشىنگتوندا ئۆزگىرىش ياساش دەۋرىنى باشلىدۇق. لېكىن بۇ يەردە ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىلەر بار. ئۇ بولسىمۇ، قوشما شىتاتلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىدىن بىرى بولغان ئامېرىكا خەلقىنى قوغداشتىن ئىبارەت ھۇشيارلىقىنى بوشاشتۇرماسلىقتۇر."