بۇ شەھەر ئاق دېڭىزدىن شەرققە، شىمالدىن غەربكە ئۆتىدىغان يول تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىختىكى يىپەك يولىمۇ بۇ يەردىن ئۆتكەن. ھازىر، 1 مىليون 400 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولغان گازىئانتەپ شەھىرىدە 7000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇلار ھىتىت، مەد، ئاسۇرىيە ، پارس، سەلەفكوس ، رىم، ۋىزانتىيە ، ئىسلام-ئەرەب ۋە ئىسلام تۈرك مەدەنىيىتىگە ئائىت تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەردىن ئىبارەت.
1071-يىلى مالازگىرت ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركلەر بۇ رايونغا كىرگەن بولۇپ، سالجۇق تۈرك دۆلىتى قۇرۇلغان. 1270-يىلى موڭغۇللار بۇ رايونغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئانتەپ شەھىرى خانى ۋەيران بولغان. 1471-يىلىدا مەملۈكلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. 1516-يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە بۇ شەھەرگە كۆپ ساندا، مەسچىت، كەرۋانساراي ۋە ئىمارەتلەر سېلىنغان بولۇپ، ئانتەپ بۇ رايوننىڭ تىجارەت مەركىزىگە ئايلانغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسۇز ۋە ئىنگلىزلار گازىئانتەپنى بېسىۋالغان. 1920-يىلى 11 ئاي داۋام قىلغان ئازادلىق ئۇرۇشى نەتىجىسىدە فرانسۇزلار بىلەن ئىنگلىزلار قوغلاپ چىقىرىلغان. تۈركىيىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلغان ئانتەپ خەلقى ئازادلىق ئۇرۇشىدا كۆپ شېھىت بەرگەن ۋە كۆپ ئىنسان يارىدار بولۇپ غازى بولغان، شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 1921-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى پارلامېنت يىغىنىدا ئانتەپ شەھىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «غازى» ئۇنۋانىنى قوشقان شۇنىڭدىن تارتىپ «گازىئانتېپ» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.
غازىئانتەپ شەرقتىن غەربكە ماڭىدىغان يولنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولغاچقا ئۇيغۇرلار ھەجىگە ماڭغاندا بۇ يەردىن ئۆتكەن. شۇڭا تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا بۇ يەردە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ ياشىغان. بۇلاردىن بىرى مەمەت سايىت تۈركىستانلى ئەپەندى. مەمەت سايىت تۈركىستانلى ئەپەندى غازىئانتەپتە تۇنجى قېتىم زەگەرلىك دۇكىنى ئاچقان كىشى بولۇپ، زەگەرلىكنى تۈركلەرگە ئۆگەتكەن كىشى دەپ تونۇلىدىكەن. ئۇ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا 20 ياشتا قەشقەردىن ئانتەپكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 1920-يىلىدىكى ئازادلىق ئۇرۇشىدا ئوق ياسىغان كىشى ئىكەن. مەمەت سايىت تۈركىستانلى دېسە بۇ شەھەردىكى زەگەرلەرنىڭ كۆپى تونۇيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى كىتابلارغا يېزىلغان، رەسىملىرى مۇزېيلەرگە قويۇلغان.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى تونۇلغان تۈركىيە تىلشۇناسى ئۆمەر ئاسىم ئاقسوي گزىئانتەپ شىۋىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى يازغان. بىز بۇ ھەقتە مىساللارنى تېپىشقا تىرىشتۇق. گزىئانتەپ شېۋىسىدە تۈرك ئەدەبىي تىلىدا يوق، ئەمما ئۇيغۇرچىدا بار كۆپ ساندا سۆز- ئاتالغۇلار بار ئىكەن. مەسىلەن: چۆمچە، قازان، قانجىق، تۈگىدى ۋە باشقىلار.