سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پېشقەدەملىرىدىن تاش ھاجىم ئالەمدىن ئۆتتى

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئالاھىدە زور شۆھرەت قازانغان ئاخباراتچى ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرى مەرھۇم دوكتور ئابدۇقادىر تاشنىڭ ئاتىسى تاش ھاجىم 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

0:00 / 0:00

مەرھۇمنىڭ نامىزى شۇ كۈنى ناماز ئەسىردىن كېيىن نەچچە مىڭلىغان جامائەتنىڭ ئىشتىراكى بىلەن مەسچىتى ھەرەمدە ئوقۇلۇپ، مەككە مۇكەررەمدە شەھىرىدىكى "مۇئەللا" قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

مەرھۇمنىڭ دەپنە قىلىش مۇراسىمى مەرھۇمنىڭ پەرزەنتلىرى، يېقىنلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى رايون ۋە شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تولۇق ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك ئۆتكۈزۈلدى.

تاش ھاجىم ئۈلگىلىك شەخس ئىدى

مەرھۇم تاش ھاجىم بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەر قايسى پەنلەردە ئوقۇتۇپ، قاتارغا قوشۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە ياراتقان شەخس ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا نامى پۇر كەتكەن مەشھۇر ئاخباراتچى ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرى مەرھۇم دوكتور ئابدۇقادىر تاش بۇ كىشىنىڭ ئائىلىسىدە يېتىشىپ چىققان. تاش ھاجىمنىڭ باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر بىرى بىرەردىن ئىلىم ساھەسىدە يېتىشكەن دوكتورلار بولۇپ، تاش ھاجىم ئۆزى قارا ئىشلاردا ئىشلەپ جاپا تارتسىمۇ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتۇپ، جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق ئەزىمەتلەردىن قىلىپ چىقىشتا غەلىبە قازانغان شەخس ئىدى.

مەرھۇم تاش ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن بولۇپ، بۇندىن ئاتمىش يىللار ئىلگىرى ئائىلىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھىجرەت قىلىپ چىققان ۋە ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تائىف شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن. چۈنكى تائىف رايونى ئېگىزلىكتە بولغانلىقتىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سالقىن رايونلىرىدىن سانىلىدۇ. ئۆتمۈشلەردە ئۆيلەردە ھازىرقىدەك ھاۋا تەڭشىگۈچلەر بولمىغانلىقتىن، مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ئىسسىقتىن تۇرۇش ناھايىتى قىيىن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى تائىف شەھىرىدە ياشىغان ئىكەن. تاش ھاجىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى 1949 - يىلىدىن كېيىن يۇرتتىن پاناھ ئىزدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بولغانلىقتىن، ھاياتنىڭ قىيىن مۇساپىلىرىدە، نۇرغۇنلىغان ئاچچىق ساۋاقلارنى باشلىرىدىن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان بەخىتسىزلىكلىرىنى ھېس قىلغان بولۇشى ئېھتىمال. شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەنلەردىن كۆپىنچىسى بىلىمسىز قالغان بولسىمۇ پەرزەنتلىرىنى ھاياتلىقنىڭ شەرتلىرى قانچىلىك قىيىن بولۇشىغا قارىماي ئوقۇتۇش ۋە بىلىملىك ئادەملەردىن قىلىشقا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى قىلغان ئىشلىرىنىڭ بېشىدا، ئۆزلىرى جاپا تارتسىمۇ بالىلىرىنى پۇلغا چىداپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرگەنلىكى كېلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ياخشى ئىش ئىدى. شۇنداق يېتىشىپ چىقىپ ئۆز مىللىتىنىڭ شەرىپىنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.