نەتىجىدە يېزىدىكى بالىلار ئىككى كۈندۈز بىر كېچە يول يۈرۈپ، خەتەرلىك قورام تاشلارغا يامىشىپ، چوڭقۇر جىلغىدىكى سۇلارنى كېچىپ، ناھىيىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا مەجبۇر مەجبۇر بولغان. بۇ خەۋەر خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن تور بەتلىرىدە جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.
بۇ يىل 18-سېنتەبىر خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «راست گەپ قىلىش» پروگراممىسىدا، تاشقورغان پىلى يېزىسىدىكى 82 بالىنىڭ قىيا تاشلار ئارىسىدىكى خەتەرلىك تاغ يولىدا، ھەر ۋاقىت تاغدىن غۇلاپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىشتەك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، 80 نەچچە كىلومېتىر تاغ يولىنى پىيادە بېسىپ ياتاقلىق مەكتەپكە يېتىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلىك فىلىمىدە بايان قىلىنىشىچە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ پىلى يېزىسى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتا. يېزىدىن ناھىيىگە بارىدىغان يول 2013-يىلى پۈتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغا قەدەر بۇ يېزا قاتناش قۇلايسىزلىقى سەۋەبلىك خىلۋەتتە قالغان. ئىككى يىل ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك، يېزىدىكى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ تاقالغاندىن كېيىن، 4-سىنىپتىن يۇقىرى بالىلار ناھىيىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھۆججەتلىك فىلىمدە چوڭى 17 ياش ئەڭ كىچىكى ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن بۇ بالىلارنىڭ، ئات ئۇلاغلارمۇ ئۆتەلمەيدىغان تاغ يولىدا 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىيالاردىن، تىز ئېقىۋاتقان قىيانلىق جىلغىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا قورام تاشلار ئارىسىدىكى ئارغامچىلارغا ئېسىلىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئەكس ئەتكەن بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەر تور ئابۇنىتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسلىرىغا سەۋەب بولغان.
بىرەيلەن ئۆز ئىنكاسىدا، بۇ ھۆججەتلىك بۇ فىلىمنىڭ كىشىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرىمىز» دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، مائارىپنى ۋەيران قىلىپ، بالىلارنى ئانا تىل مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پاجىئەنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق يازغان: «ئۇلار ئەسلىدە بار بولغان مەكتەپلەرنى ‹قوش تىللىق مەكتەپ› قىلىمىز دەپ خىتايچە مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. خىتاي ئوقۇتقۇچىلار كېلىشنى خالىمىغان پىلى يېزىسىغا ئوخشاش تاغ ئارىسىدىكى مەكتەپلەرنى بولسا، ‹ئوقۇتقۇچى يېتىشمىدى› دېگەن باھانىدە تاقىۋەتتى. نەتىجىدە ‹قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش› سىياسىتى، مىللىي ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى ئىشسىز قالدۇرۇپ، بالىلىرىمىزنى ‹ئۆلۈم يولىنى بېسىپ› ئۆتۈپ، ئۆزىگە پۈتۈنلەي يات بولغان بىر تىلدا دەرس ئاڭلاشقا، ئۆز ئانا تىلى، ئانا مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا يات تىل، يات مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا».
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى ئۆز بايانىدا، بۇ بالىلارنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، يېزىدىكى كادىرلار ھەم قوراللىق ساقچى ئەترىتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ياردىمىدە، خەتەرلىك تاغ يولىنى بېسىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېزىدىكى مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ شامىلى» سەۋەبىدىن مەجبۇرى تاقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە توختالمىغان.
بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە ئىككى يىلدىن بۇيان يېزىدىكى بالىلارنىڭ ناھىيىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىش يولىدا، بۇ خىل خەتەرلىك تاغ يولىدىن ئۆتكىچە، بالىلار ئارىسىدا جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ياكى يارىلانغانلار ھەققىدىكى بايانلار بېرىلمىگەن. ئەمما ھۆججەتلىك فىلىمدىكى بالىلار ھەم قوراللىق ساقچى خادىملار ئۆز بايانلىرىدا ئىلگىرى بۇ بالىلار ئارىسىدا جىلغىدىكى سۇغا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.
بىز بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.