0:00 / 0:00
بۇرھان شەھىدى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم تاتارىستان ئاپتورلىرى ئۇنىڭ تاتار ئېتنىك تەركىبىگە مەنسۇپلۇقى ۋە ئۇنىڭ تاتارلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر شەخس ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
بىراق، غۇلجىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، كېيىن تاتارىستانغا كۆچۈپ كېتىپ شۇ يەردە ئوقۇپ، ئاتاقلىق ئالىم بولۇپ يېتىشكەن ئاكادېمىك مىرقاسىم ئوسمانوف ئەپەندى بولسا، بۇرھان شەھىدى ھەققىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ھەقىقىي باھا بېرىش سالاھىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە تاتار زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.