تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى (1)

كۆپىنچە ئۇيغۇر ۋە تاتار زىيالىيلىرى تاتارلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن مۇساپىلىرىدە ۋە سىياسىي تەقدىرلىرىدە زور ئوخشاشلىقلار بارلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. تاتارلار 16 - ئەسىردە قازان خانلىقى چاررۇسىيە تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن تارتىپ، تاكى 20 - ئەسىرغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇستەقىل دۆلەتسىز ياشىدى.

0:00 / 0:00

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، رۇسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

تاتارىستان مەتبۇئاتلىرىدا تاتارلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرمۇ كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. تاتارىستان ئالىملىرى ئىچىدە غۇلجىدا تۇغۇلغان ئاكادېمىك مىرقاسىم ئوسمانوف ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ئەڭ كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئالىمدۇر.

دۇنيا يۈزىدىكى تاتارلارنىڭ زور كۆپ قىسىمى تاتارىستاندا ياشايدۇ. گەرچە، بۈگۈنكى كۈندە قازاننى پايتەخت قىلغان تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆز ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت گېربى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېمنى قاتارلىق دۆلەتچىلىك بەلگىلىرىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا موسكۋا بىلەن فېدېراتسىيىلىك كېلىشىمگە ئىمزا قويغان، موسكۋادىكى مەركىزىي فېدېرال ھۆكۈمىتىگە بويسۇنىدىغان ھاكىمىيەتتۇر. تاتارىستان، گەرچە ئالىي مۇختارىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ھەتتا موسكۋا رازى بولغان ئەھۋال ئاستىدا چەتئەللەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ھەمدە كېلىشىم تۈزۈش سالاھىيەتلىرىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىگە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كۆپىنچە تاتارلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدىكى ئالتۇن ئوردا خاندانلىقى ۋە قازان خانلىقىنىڭ شان - شەۋكەتلىرىنى سېغىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

لېكىن، رۇسىيىدىكى دېموكراتىك ھايات تاتارلارغا ئۆز تارىخى، ئۆز مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئەنئەنىلىرى ھەققىدە ئەركىن تەتقىق قىلىش ھەمدە كىتابلار ۋە ماقالىلەرنى يېزىش ھوقۇقى ئاتا قىلغان بولۇپ، تاتارىستاندىن تارقىتىلىدىغان گېزىتلەر، ژۇرناللار ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە تاتار ئاپتورلىرىنىڭ ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى دائىم ئېلان قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىمۇ دائىم كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تاتار مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ماقالە ۋە ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا شۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۇكرائىنىيىنىڭ كىيېۋ شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەمدە ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەققىدە پىكىر يوللىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى ئىچىدە راشىت ئاخمېتوفنىڭ "ۋولگا يۇلتۇزى" ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئىنتېرنېت تورى "تاتار پولىت.رۇ" دا كۆچۈرۈپ بېسىلغان "شەرقىي تۈركىستان" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر. ئاپتور راشىت ئاخمېتوف ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە گۇاڭدۇڭ شاۋگۇەندىكى زور ساندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارغا كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە يەنە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ قانداقتۇر تەسادىپىي يۈز بەرگەن ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيىبىلىگەندەك چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پىلانلىغان ھەرىكەت بولماستىن، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي شۇنىڭدەك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبى بارلىقىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، كىملىكىنى، ئۇلارنىڭ قەدىمدە ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى چۈشىنىش لازىملىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.

تاتار زىيالىيسى راشىت ئاخمېتوفنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان 1760 - يىلى مانجۇ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان ھېچقاچان كۈرەشنى توختاتمىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ جەرياندا ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى قايتا قۇرغان. 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا بولسا، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى كۈچىيىپ، ئۆز جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن 1949 - يىلى ستالىن بىلەن ماۋ سودىلىشىپ، ماۋ موڭغۇلىيىدىن ۋاز كەچكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ستالىن شىنجاڭنى ماۋغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ھەمدە شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرى بېيجىڭغا مېڭىش سەپىرىدە ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشكەندىن بۇيان 400 قېتىمدىن ئارتۇق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولۇپ، ھېچقاچان كۈرىشىنى توختاتمىغان.

تاتار زىيالىيسى راشىت ئاخمېتوف ماقالىسىدە، قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاكادېمىك، مىرقاسىم ئوسمانوفنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى كۆپ نەقىل كەلتۈرىدۇ. غۇلجىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، 1950 - يىللىرىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازان شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىپ، شۇ يەردە ئوقۇپ بۈگۈنكى كۈندە تاتارىستاندىكى مەشھۇر ئالىم سۈپىتىدە تونۇلغان تاتار ئالىمى مىرقاسىم ئوسمانوف ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتقان، تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار بىلەن تاتارلارنىڭ تىل ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاھىدە يېقىنلىقى ھەم تەقدىرداشلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

مەزكۇر ماقالىدە پىكىر بايان قىلغان قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاكادېمىك مىر قاسىم ئوسمانوف ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھەقىقەتەن قۇدرەتلىك دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇسىنىڭ ئۇلارنى داۋاملىق ئالغا باشلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، "ئۇيغۇرلار بويسۇندۇرۇلماستۇر!" دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن تاتار ئالىمى مىرقاسىم ئوسمانوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ قازان شەھىرىدىكى ئۆيىدە بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ناھايىتى ياخشى چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان تاتارلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى ھەققىدە بىر كىتاب يېزىپ قازاندا نەشر قىلدۇرغانلىقىنى، بۇ كىتابتىكى تاتارلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.