تاتار ئاپتورلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاتارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ كۆپ توختالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىر قازاندا ياشاۋاتقان ئاكادېمىك مىرقاسىم ئوسمانوف مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. تاتار ئاپتورلىرى يەنە تارىخىي شەخس بۇرھان شەھىدى ھەققىدىمۇ بەس - مۇنازىرە قىلغان.
تاتارلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان
تاتار ئاپتورلىرىنىڭ ئارىسىدا راشىت ئاخمېتوفنىڭ " شەرقىي تۈركىستان " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن باشقا يەنە، 1940 - يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ باتۇرلىرىدىن بىرى فاتىخ مۇسلىموفنىڭ ئوغلى فەرىت مۇسلىموفنىڭ دادىسى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە، يۇلدۇز خالىلۇللىننىڭ مەخسۇس بۇرھان شەھىدى توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرى ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.
تاتار ئاپتورلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى ماقالىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىردىكى سىياسىي تارىخى، بولۇپمۇ، 1944 - 1949 - يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى مۇھىم ئورۇن ئالغان. فەرىت مۇسلىموف دادىسى فاتىخ باتۇر ھەققىدىكى ماقالىسىدە فاتىخ باتۇرنىڭ نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابتا ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، تاتارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
تاتارىستان ئاپتورلىرى 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى مەزگىلىدە تاتارلارنىڭ كۆپلىگەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى سەپلەردىكى جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان پولكوۋنىكلاردىن فاتىخ مۇسلىموف، رەپىق بايچۇرىن، مەرغۇپ ئىسھاقوف، ئايتوغان يۇنۇچى قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار ھەم ھەبىب يۇنۇچى، ۋاققاس مىرشانوف، ئەسھەت ئىسھاقوف قاتارلىق سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
1934 - يىلى، غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان ۋە 19 يېشىدا قازانغا كۆچۈپ كېتىپ، بۈگۈنكى كۈندە تاتارىستاننىڭ ئەڭ يىرىك ئالىملىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان ئاكادېمىك مىرقاسىم ئوسمانوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ 76 يىللىق ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلمايدىغان كۈنلەرنىڭ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى ئىكەنلىكىنى، تاتارلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى، ئەمما ستالىننىڭ مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تاتارىستان ئاپتورلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاتارلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئارىسىدىن ئەنە شۇنداق مۇھىم ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بۇرھان شەھىدىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاتارلار ۋە مەشھۇر تاتار ئەربابلىرى ھەققىدە ئەسلى غۇلجىلىق تاتارلاردىن، قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاكادېمىك مىرقاسىم ئوسمانوف "نەشر قىلىنمىغان كىتاب " تېمىسىدا بىر ئەسەر يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ئىدى. ئاپتور بۇ كىتابىدا بۇرھان شەھىدى ھەققىدىمۇ كۆپ توختالغان.
بۇرھان شەھىدى ئۇيغۇر - تاتار ئېتنىك كىملىكى ئارىسىدا
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20 - ئەسىر سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم تارىخىي شەخس بۇرھان شەھىدىنىڭ ئېتنىك تەۋەلىكى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنىڭ تاتار ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ، 1949 - يىلى كوممۇنىستلار باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مىللىي كىملىكى ئۇيغۇر دەپ ئېلان قىلىنغان.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن تارتىپ تاكى 80 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتاي رەسمىي ماتېرىياللىرىدا بۇرھان شەھىدىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئاقسۇدا تۇغۇلغانلىقى ئېيتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ "شىنجاڭدىكى 50 يىلىم "ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاقسۇدىن تاتارىستاندىكى ئاقسۇ دېگەن جايغا كۆچۈپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئاقسۇدا تۇغۇلغانلىقى، ئەسلى ئەجدادىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. لېكىن، 1949 - يىلىدىن ئىلگىرى بۇرھان شەھىدىنىڭ تاتار ئېتنىك كىملىكىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت جەمئىيەتتە كەڭ ئورۇن ئالغان ھەم شۇنداق قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مەزكۇر ئۆلكىگە رەئىس قىلىنغاندا ھەمدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر قاتار يۇقىرى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەندە، ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ئۇيغۇرغا ئۆزگەرتىلىشى چوڭ ئىجتىمائىي غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
قازاندا تۇغۇلغان بۇرھان شەھىدى ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكى بىلەن دەپنە قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، تاتارىستان ئاپتورلىرى، جۈملىدىن تاتارلار بۇرھان شەھىدىنى تاتار دەپ قاراش بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
غۇلجىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىر قازاندا ياشاۋاتقان تاتار ئالىمى مىرقاسىم ئوسمانوف ئۆزىنىڭ "نەشر قىلىنمىغان كىتاب" ماۋزۇلۇق ئەسىرىدە بۇرھان شەھىدىنىڭ رۇسىيىنىڭ قازان ئۆلكىسىدىكى ئاقسۇ يېزىسىدا بىر تاتار ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى ھەر خىل پاكىتلار بىلەن خۇلاسىلەپ، ئۇنىڭ تاتار ئېتنىك تەۋەلىكىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.