بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ گۇمانلىق سودا ھەققىدە نيۇيوركتىن، پارس قولتۇقىغىچە، ئۇنىڭدىن يېڭى زىېلاندىيە ۋە قازاقستانغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئەھۋااللارنى ئاشكارىلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن قازاقستاننىڭ چىمكەنت شەھىرىىدىن بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا تايلانتنىڭ بانكوك شەھىرىدە تۇتۇلغان ئىل -76 بەلگىلىك بىر يۈك ئايروپىلانغا، شىمالى كورىيىدە ئىشلەنگەن 35 توننا پارتلاتقۇچ ۋە راكىتا قوزغاتقۇچى، يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قورال قاچىلانغان بولۇپ، بۇ ئايروپىلان سرتتىن قورال يۆتكەش چەكلەنگەن ئىرانغا بارىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن،
ئەينى ۋاقىتتا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بۇ گۇمانلىق تىجارەت ھەققىدە، بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، تور ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، نيۇيوركتىن، پارس قولتۇقىغىچە، ئۇنىڭدىن يېڭى زېلاندىيىگىچە، يەنە ئۇنىڭدىن قازاقستانغا قەدەر ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، بانكوكتا تۇتۇپ قېلىنغان ئىل -76 بەلگىلىك يۈك بۇ ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى بىلەن، بۇ گۇمانلىق تىجارەتكە تاقىلىدىغان زاۋۇتلار بىلەن، شىركەتلەر بىلەن بىر-بىرلەپ سۆزلەشكەن. ئېنىقلىنىشىچە، بۇ ئايروپىلان ئالېكساندىر زىكوفنىڭ 'شەرقىي قانات ھاۋا قاتنشى' دەپ ئاتىلىدىغان يۈكچى ئايروپىلان شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى. بۇ شىركەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قالدۇق گەۋدسى. بۇ گەۋدە يىللاردىن بۇيان ئىشسىز قالغان ئۇچقۇچىلارنى يۇقىرى مائاش بىلەن ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئاللىقاچان ئەبجىقى چىققان بۇنداق ئايروپىلانلارنى ھەيدىگۈزۈپ تۇرغان. بۇ قېتىم بانكوكتا تۇتۇلغان بۇ ئايروپىلاننىڭ مۇساپىسى 15 مىڭ كىلومېتىر بولىدىغانلىقى، ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى تېھراننىڭ مېھرابات ئايرودرومى بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ ئايروپىلانغا قاچىلانغان يۈكنىڭ نامى 'نېفىت سانائىتىدە قوللىنىدىغان ئېشىنچا سەپلىمىلەر' دەپ ئاتالغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ گۇمانلىق تىجارەت ئوكرائىنادىكى Aerotrack LTD دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك ئايرودروم بىلەن پېنيوڭدىكى كورىيە باش تىجارەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئايروپىلاننىڭ 4 نەپەر چېمكەنتلىك قازاق ئۇچقۇچىسى 'زىكوفنىڭ ئادەملىرى' دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچقۇچىلار ئىكەن. بۇ ئۇچقۇچىلار 10 نەچچە يىلدىن بۇيان زىكوفغا ئىشلەۋېتىپتۇ. يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان بۇ كىچىك ئايرودرومنىڭ مۇدىرى پاۋېل موگىلىۋىسكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا 'بۇ 4 نەپەر ئۇچقۇچى بىزنىڭ ئادەملەر، بۇ ئايروپىلاندىكى ئۇچقوچىلار گۇرۇپپىسى ئادەتتە مەخپىي تۇتۇلىدىغان پەۋقۇلئاددە گۇرۇپپا' دەپ ئىسپاتلىق بەرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ھازىر ئەرەپ ئەمىرلىكىنىڭ شارجاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئالېكساندىر زىكوفنى تېلېفون ئارقىلىق ئىزلىگەندە، زىكوفنىڭ ئايالى سۋېتلانا زىكوۋا بۇ شىركەتنىڭ ئىل 76 بەلگىلىك يۇك ئايروپىلان تىجارىتى 30 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بانكوكتا تۇتۇلغان بۇ ئايروپىلانغا قورال قاچىلانغانلىقىدىن ھەرگىز خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلغان. ئۇ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ' ئەگەر ئالدىن بىلگەن بولساق، بۇ ئايروپىلاننى ھەرگىز ئىجارىگە بەرمەيتتۇق' دېگەن. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىلىرىمۇ 'بۇ ئايروپىلانغا نېمە قاچىلانغانلقىنى بىلمەيمىز' دېگەن. ئۇلار يەنە 'ئادەتتە زاۋۇتلار بىزنىڭ قولىمىزغا ساپلا ساختا تالۇن، ساختا يول خەت تۇتقۇزۇپ قويىدۇ' دېگەن.
يېڭى زېلاندىيىدە بۇلتۇر 7 - ئايدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان، س پ SP تىجارەت شىركىتىدىن لۇنيۇۋ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا، ئالېكساندىر زىكوفنىڭ بۇ ئايروپىلانغا شىمالىي كورىيىدىن قورال يۈكلەش پىلانى بارلىقىنى، بۇنىڭ پۇل رەسمىيىتى غەرب ھاۋا قاتنىشى شىركىتىدىن لىۋان كاكابادز دېگەن كىشى گروزىيە، دانىيەلەردىكى ئارىچىلار ئارقىلىق نيۇيورك بانكىسى، گېرمانىيە بانكىسى، ج پ مورگان چەيس بانكىسى، خوڭكوڭدىكى س پ SP تىجارەت شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەردە بىجىرىگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزى بۇنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ گۇمانلىق تىجارەت ھەققىدە ئىنتېرنېتتە بىلىنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىز قوغلاپ ئېنىقلىشىچە، بانكوكتا تۇتۇلغان بۇ ئىل بەلگىلىك يۈك ئايروپىلانى شىمالىي كورىيىنىڭ پېنيوڭ شەھىرىگە بېرىشتىن بۇرۇن، ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدىن ئەرەپ ئەمىرلىكىنىڭ ئەل فۇجايرا شەھىرىدە، بانكوكتا توختىغان، بانكوكتىن پېنيوڭغا كېلىپ يۈك قاچىلىغاندىن كېيىن يەنە، بانكوكقا كەلگەندە تۇتۇلغان. ئۇ ئەسلىدىكى پىلان بۇيىچە، يەنە بانكوكتىن ئۇچۇپ كولۇمبۇدا، ئەل فۇجايرادا، كېيۋتا توختاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تېھرانغا بېرىپ يۈك چۈشۈرۈپ، ئاندىن مونتىنېگرونىڭ پوتگورىكا شەھىرىگە كېلىپ توختايدىكەن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقستان يايلاقلىرىدا قۇرغان، ھازىرغا قەدەر قورال ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ يۈكچى ئايروپىلان شىركىتىنىڭ 5 نەپەر ئۇچقۇچىسى ھازىر بانكوكتا تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.