ھىندىزم جەمئىيىتى خەلقئارا تەشكىلاتتىن تايلاند-كامبودژا چېگراسىدىكى دىنىي مىراسنى ئۇرۇشتىن ساقلاشنى تەلەپ قىلدى

تايلاند بىلەن كامبودژا چېگراسىدا ئېتىشىش يۈز بېرىۋاتقىلى 5 كۈن بولدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگراسىدىكى مىلادى 11-ئەسىردە بىنا قىلىنغان ھىندىزم ئىبادەتخانىسى خەۋپ ئاستىدا قالدى.

0:00 / 0:00

ھىندىزم جەمئىيىتى خەلقئارا تەشكىلاتتىن، دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان پرىۋىخار ئىبادەتخانىسىنى ئۇرۇش ئوتىدىن ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.

شىمالىي ئافرىقىدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان قاھىرەدە ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا جىددىي توقۇنۇش بولۇۋاتقاندا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادا تايلاند بىلەن كامبودژا چېگراسىدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان ھىندىزم ئىبادەتخانىسى ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە كىرىپ قالغىلى 5 كۈن بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ، تايلاند بىلەن كامبودژا چېگراسىدا 4 قېتىم جىددىي ئېتىشىش يۈز بەردى. ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە زەمبىرەك، راكېتا قاتارلىق ئېغىر قوراللارنىمۇ قوللاندى. بۇ چېگرا ئۇرۇشى مىلادى 11-ئەسىردە بىنا قىلىنغان پرىۋىخار ئىبادەتخانىسىنىڭ تەۋەلىكى جەھەتتە تېخىچە ھەل بولمىغان تالاش-تارتىشتىن كېلىپ چىققان. بۇ چېگرا توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپنىڭ بىر نەچچىدىن ئەسكىرى ئۆلدى ۋە ئون نەچچىدىن ئەسكەرلىرى يارىلاندى. ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ بىر -بىرىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتىدۇ، چېگراغا كۆپلەپ ئەسكەر توپلاۋاتىدۇ. شۇنداقلا، ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ يەنە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىرلىكى، ئە2015-يىلىدا تولۇق بىر گەۋدىگە ئايلىنىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندا يۈز بەرگەن بۇنداق ئۇرۇش ئوتىنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىرلىكىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ھىندونېزىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈنۈگۈندىن باشلاپ، تايلاند بىلەن كامبودژا مۇناسىۋىتىنى كېلىشتۈرۈشكە باشلىدى.

نيۇ-يورك تايمىس گېزىتىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، گەرچە تايلاند بىلەن كامبودژا چېگراسى بۈگۈن جىمىققاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت پرىۋىخار ئىبادەتخانىسىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە، تېخىچە بىر-بىرىگە قىلچە يول قويماي، داۋاملىق جىددىي ئېلىشىۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تايلاند بىلەن كامبودژا چېگراسىدىكى پرىۋىخار ئىبادەتخانىسىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسى، يىللاردىن بۇيان بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل 10 -ئايدا تايلاند بىلەن كامبودژا گېنېراللىرى چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا،مىلادى 11-ئەسىردىكى ئۇۋا خانلىقى دەۋرىدە، بۇددا تاش كېمىرلىرى ئاساسىدا لايىھىلىنىپ، ئىككى يۈز يىلدا 23 پادىشاھ بىنا قىلىپ چىققان بۇ پرىۋىخار ئىبادەتخانىسى ھىندىزم ئىلاھى شىۋاغا تاۋاپ قىلىدىغان ئىبادەتخانا. بۇ ئىبادەتخانا ھازىر جۇغراپىيە جەھەتتىن كامبودژا تەۋەسىدە، ئەمما بۇ مەنزىرىسى گۈزەل ئىبادەتخانىغا تايلاند تەرەپتىنلا كىرىدىغان يول بار. قالغان تەرىپى تىك قىيالىق. دېمەك بۇ ئىبادەتخانىغا چوقۇم تايلانتتىن كىرىش كېرەك.

پرىۋىخار ئىبادەتخانىسى 1796-يىلى تايلاندنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان. فرانسىيە 1806-يىلى كامبودژانى مۇستەملىكە قىلغاندىن كېيىن، پرىۋىخار ئىبادەتخانىسىنى تايلاندتىن تارتىۋالغان. 1907-يىلى چېگرا بېكىتكەندە، فرانسىيە بۇ ئىبادەتخانىنى كامبودژاغا بۇيرۇپ بەرگەن. تايلاند بۇ ئىبادەتخانىنى 1949-يىلى قايتىدىن تارتىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا جىددىي تالاش -تارتىشتا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا 2008-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى دەپ بېكىتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا بۇ ئىبادەتخانىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدىكى تالاش -تارتىش قايتىدىن باشلانغان ۋە بۇرۇنقى يىللاردىكىدىنمۇ جىددىي تۈس ئالغان.

مالايشىيادا چىقىدىغان «كۈن» گېزىتى بۈگۈن ھىندىستاندىكى ھىندىزم جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنكى جىددىي باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ھىندىزم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى راجان زەد تايلاند بىلەن كامبودژا چېگراسىدىكى مىلادى 11-ئەسىردە بىنا قىلىنغان پرىۋىخار ھىندىزم ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاللىقاچان ئۇرۇش ئوتىدا زەخىملەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ،ئە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ ھىندىزم ئىبادەتخانىسىنى ئۇرۇش ئوتىدىن ساقلاشنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىبادەتخانا ب د ت نىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

گەرچە، ھازىر شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بىرلىكى تايلاند بىلەن كامبودژا مۇناسىۋىتىنى كېلىشتۈرۈپ ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتسىمۇ، ئەمما تايلاند بىلەن كامبودژا چېگراسىدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان پرىۋىخار ئىبادەتخانىسى تېخىچە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قېلىش خەۋپىدىن خالى قىلىنمىدى.