زور بايلىق ئۈستىدە ياشاۋاتقان نامرات ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرپان- قۇمۇل ئويمانلىقى ھەم تەڭرىتېغىنىڭ غەربىدىكى 12 جايدا يەنە يېڭىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، مولبىدىن، قوغۇشۇن قاتارلىق يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2011-يىل 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرپان- قۇمۇل ئويمانلىقى ھەم تەڭرىتېغىنىڭ غەربىدىكى 12 جايدا يەنە يېڭىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، مولبىدىن، قوغۇشۇن قاتارلىق يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرىنى تېپىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتە جايدىكى بايلىقنىڭ ئېچىشقا بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. خىتاي 11-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 77 ئورۇندىن تۈرلۈك ئېنېرگىيە ۋە كان بايلىق مەنبەلىرىنى تاپقان بولۇپ، 18 ئورۇننى ئېچىشقا كىرىشكەن ئىدى.

خۇ پىڭ قاتارلىق خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ھەم ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ئەنە شۇنداق زور بايلىق مەنبەسىگە ئىگە بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ھەم نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان رايوندىكى بايلىقلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەڭ تېز سۈرئەتتە توشۇپ كېتىش سىياسىتى، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىدا بۇ رايوندا ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى خەلق دەپ بېكىتىلگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلققە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا ئىكەن.

1. ئۇيغۇر ئېلى زور بايلىققا ئىگە، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلق دەپ قارالماقتا

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ گېئولوگىيە-كان ئىدارىسى تۇرپان-قۇمۇل كۆمۈرلۈكىنىڭ قۇمتاغ-سار كۆل رايونى قاتارلىق بەش جاينى تەكشۈرۈپ، 6706 كۋادرات كىلومېتىرلىق كان مەنبەسى نۇقتىسىنى ئېنىقلاپ، يېڭىدىن 120 مىليارد 750 مىليون توننا كۆمۈر بايلىق مىقدارىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بېكىتكەن. خىتاي ئۆتكەن يىلى يەنە ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىن يېڭىدىن زور مىقداردىكى رەڭلىك مېتال مەنبەلىرىنى تاپقان بولۇپ، بۇلار موبىلدىن، قوغۇشۇن، مىس قاتارلىقلار ئىكەن.

گېئولوگىيە-كان تارماقلىرى يەنە غەربىي تەڭرىتاغ رايونىدىكى يېڭىدىن تېپىلغان تۆمۈر رۇدىسى مەنبەسىنىڭ 330 مىليون توننا، لوپنۇر رايونىدىن يېڭىدىن تېپىلغان كالىيسولفات بايلىق مىقدارىنىڭ 60 مىليون توننا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. خىتاي غەربىي تەڭرىتاغ رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆمۈر كان بەلۋېغى ئىكەنلىكى، ئۇ يەردە تەخمىنەن بىر يېرىم مىليارد توننا تۆمۈر زاپىسى بارلىقىنى پەرەز قىلغان.

ئەمما، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، شۇنچە بايلىق مەنبەلىرى توپلانغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلار خىتايدىكى ئەڭ كەمبەغەل جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

2. خۇ پىڭ: "ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ."

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە، خىتايدا «بايلىق ماكانى» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتايدىكى ئەڭ نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ھوقۇقنى مەركىزى ھۆكۈمەتكە مەركەزلەشتۈرگەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي قانۇنىدا مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارالغان ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە خىتايدىكى يەر ئاستى ھەم يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر،، قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدىغان زېمىنغا جايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى دەۋردە، بۇ رايونلاردىكى بايلىق مەنبەلىرىگە يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: "خىتايدا تېپىلغان بايلىقلار ئاساسەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، مانجۇ قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر زېمىنىغا جايلاشقان. ئەمما، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر « دۆلەت زېمىنىدىكى بارلىق يەر ئاستى ھەم يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ» دېگەن سىياسەتنى بەلگىلەپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى بۇ بايلىقلارنى ئېچىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇردى. شۇنداقلا ھازىر بۇ بايلىقلارنى، بۇ رايوندىكى مۇھىت ھەم رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، ئەڭ تېز سۈرئەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتىدۇ."

خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلغان شەرقىي دېڭىز بويىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدىن تېپىلغان بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا قارىتا، پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ھالەتتىكى ئىككى خىل سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېقىقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: "خىتايدا « تاققا يېقىن بولساڭ تاغنى يەيسەن، سۇغا يېقىن بولساڭ سۇنى ئىچىسەن » دەيدىغان تەمسىل بار. خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىرىدىكى خەلقلەر مانا مۇشۇ ئەقىدە بويىچە، ئۆز زېمىنىدىكى ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، تەرەققىي قىلدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىمۇ بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن نىسبەتەن كەڭ سىياسەت قوللاندى. ئەمما، كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئەڭ زور بايلىق جايلاشقان، خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قارىتا، بۇ مىللەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىكى بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋالدى. مانا قاراڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن كوممۇنىست ھۆكۈمەت « شىنجاڭغا ياردەم » نامىدا 19 ئۆلكىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنى تەشكىللەپ، رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ھەم ئۇلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا توشۇۋاتىدۇ. رايوندىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئۆز زېمىنىدىكى بۇ بايلىقلارنى ئېچىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى. گەرچە ھازىر كوممۇنىست ھۆكۈمەت بۇ بايلىقلارنى ئېچىش جەريانىدا كۆرۈنۈشتە يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم نىسبەتتە مەنپەئەت بېرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەت بۇ بايلىقلارنىڭ بىر تامچىسىلا خالاس! ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى شۇنچە زور بايلىققا ئىگە تۇرۇقلۇق يەنىلا نامرات ھالەتتە قېلىشىدىكى ئاساسى سەۋەب، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك، شۇنداقلا خىتايدا يەرلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارالغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ دەۋردە ھېقىقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغانلىقى."

3. ئىلھام توختى: "ئۇيغۇرلارنىڭ ھېقىقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالماسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات ھالەتتە قېلىشىدىكى ئاساسى سەۋەب"

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇيرۇق بىلەن تاقىۋېتىلگەن «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئۇيغۇرلار شۇنچە بايلىق ئۈستىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ھەم رايوندىكى مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى مىللەت دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېقىقى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالماسلىقىدەك سەۋەبلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا تېپىلغان ھەم ئېچىلىۋاتقان شۇنچە زور بايلىق تۇرۇقلۇق، يەنىلا نامرات ھالەتتە قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.