مۇراسىمغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەي ‘ئەت مەسئۇللىرىدىن مەمەت ئەيسا ھاجىم، ياۋرو- ئاسىيا تەتقىقات فوندى، شۇنداقلا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن فوندىنىڭ باشلىقى ئارسلان ئالىپتېكىن، ياپونىيىدىن كەلگەن كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت توختى كەنجى قاتارلىق شەخسلەر ۋە ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن قىز - ئوغۇل بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابلەت تۇران ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەت - پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەت - پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك رەسىم كۆرسىتىلدى.
مۇراسىمدا، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە مۇھىم شەخسلەر مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى. مۇراسىمدا يەنە تىراكىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە بۆلۈمىدىن دەم ئېلىشقا چىققان پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى، ياپونىيىدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاكادېمىيىنىڭ خىزمەت تەرەققىياتى ھەققىدىكى پىكىر - قاراش ۋە ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى.

مۇراسىمدا يەنە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان سەپىرىئالەم خەلقئارالىق قىز ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى مۇزەييەم تاشچى خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
"ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ دەپ ئويلايمىز. بىز سەپىرى ئالەم جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. بۇ ھەقتە بىزنىڭ نېمە قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بولسا ئۇنى ئورۇنلاشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيمەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن يۈكسەلگەن پارلاق نۇر ۋە بۇ نۇرنى كۆتۈرگەن ياشلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستىقبالىنى قۇرىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. بىز تۈرك خەلقى ئۆزىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەن بولساق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇ پارلىغان نۇر خۇدايىم بۇيرۇسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىرلىك باراۋەرلىك، كۈچلۈك ۋە ئازادلىق ئىچىدە گۈزەل بىر ئىستىقبالىنى كۆرۈش ھەممىمىزگە نېسىپ بولىدۇ. بۇنىڭدا بىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ ھەسسىمىز قوشۇلسا بىز بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى خۇشاللىق ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياخشى ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ۋاسىتە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز."
مۇراسىمدا يەنە ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئەلاچى بولۇپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 10 نەپەر ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات بېرىلدى.
مۇراسىمدا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ساز چېلىپ ناخشا ئوقۇدى. مۇراسىم 2 سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
