خىتاي ساقچى ئورگانلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە، كىشلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە مىللى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانى كۈرىشىنى توسۇش ۋە يوق قىلىش مەقسىتىدە ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ كەلدى. ئىلگىرى ئۇلار ئاساسى نىشانىنى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپ پالىيەتچىلەرگە قاراتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسى پالىيەتچىلەرنى "تەررورىست تەشكىلات" ۋە " تەررورىست" دەپ قارىلىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ھەر تۈرلۇك بېسىم ۋە تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئوز مەقسىدىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بەرى خىتاي دائىرلىرى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ تېلېفۇن، ئىنتەرنەت ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنماقتا. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەھدىتى يالغۇز ئاكتىپ سىياسى پالىيەتچىلىئەر بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ھەتتا ھېچقانداق سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان باشقا ئۇيغۇرلارغىمۇ قارىتىلىشقا باشلىغان.

ئۆزلىرى مۇشۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارغا تېلېفۇن قىلغان كىشلەر، ئۇيغۇر ئەلىنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلىرىدىكى مەخسۇس ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. خىتاينىڭ ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلىيەلەيدىغان خىتايلار ئىكەن. ئۇلار دەسلەپ بەزىلەرنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ئەھۋال يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىدىكەن، رەت قىلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن پوپوزا ۋە تەھدىت سېلىشقا باشلايدىكەن.

كىشىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغى، تېلېفۇن قىلغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى مۇتتەھەم ۋە ئەدەپسىز بولۇپ، ئۆزلىرى سۆزلىشىۋاتقان قارشى تەرەپتىكى كىشىگە خۇددى جىنايەتچىگە گەپ قىلغان تەلەپپۇزدا گەپ قىلىدىكەن.

ھازىر نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئەركىن ئەپەندى يۇقىرىقىدەك كۆڭۈلسىز تېلېفۇن زىيارىتىگە دۇچ كەلگەنلەردىن بەرى بولۇپ، ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

ھەممىگە مەلۇمكى خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ خىل يولسىز قىلمىشى ۋە ھەددىدىن ئاشقان مۇتەھەملىكى ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان ئاشكارە تاجاۋۇزچىلىق، ھەمدە خەلقئارا قانۇنلارغا تۈپتىن خىلاپ. قانۇن تۈزىمى مۇكەممەل، شەخسلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقى ۋە ئىززەت – غۇرۇرى قاتتىق قوغدىلىدىغان غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە، بىر كىشىگە قىلىنغان ھەرقانداق شەكىلدىكى تەھدىت ۋە ھاقارەت جىنايەت ھېسابلىنىپ تېگىشلىك چارە كۆرىلىدۇ.

نۆۋەتتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە خىتاينىڭ ھەر تۈرلۇك تەھدىتى ۋە روھى پاراكەندىچىلىكىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئەھۋالنى دەلىل – پاكىتلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى قانۇن ئورگانلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىپ بۇ دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرلەرنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىتاي دائىرىلىرىگە مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق خىتاي ساقچى دائىرلىرىنىڭ يولسىز پاراكەندىچىلىگىدىن ساقلىنىشقا ۋە قانۇن ئارقىلىق ئوز ھوقۇق – مەنپەتلىرىنى قوغداشقا ھەركەت قىلماقتا.