ئامىنە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەتكە ئامىنە خانىمنىڭ رەسىمىمۇ چاپلانغان بولۇپ، خەتتە ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە چاقىرىلىدىغان 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشماسلىقى تەلەپ قىلىنغان. خەتتە «ئەگەر قۇرۇلتايغا بارساڭ سېنى ۋە بالاڭنى يوقىتىمىز» دېيىلگەن.
د ئۇ ق ۋەكىلى ئامىنە تۇرغۇنوۋا خانىم بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خەتنى قازاقىستاننىڭ سوت ئورگانلىرىغا ئاپىرىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق قازاق سوتچىلىرى بۇ خەتنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى تېخى ئېنىقلىيالمىغان. مەزكۇر خەت قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان «ۋىرېميا» (ۋاقىت) گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئادۋوكات ئامىنە تۇرغۇنوۋا بۇ ھەقتە بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا ھېچقانداق دۈشمىنى يوقلۇقىنى، بۇ خەتتە خىتاينىڭ قولى بارلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامىنە خانىمدىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت تۇردىيېۋ، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئالىشىر ۋە رىشات ئازنى باقىيېۋ قاتارلىق كىشىلەرگە تەھدىت تېلېفونى كەلگەن. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قورقۇتۇشلارغا قارىماستىن ياپونىيىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتايغا قاتناشتى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامىنە تۇرغۇنوۋا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.