ب د ت خىتايدا تەن جازاسى مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى


2006.03.23

un-torture-turme.jpg
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈرمىدىكى قىيناش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان ئالاھىدە ۋەكىلى مەنفرېد نوۋاك ئەپەندى 14-نويابىر كۈنى ۋىئېنادىكى ئىشخانىسىدا. AFP

ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك، ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا خىتاينىڭ بېيجىڭ، لخاسا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تۈرمە ۋە مەھبۇسلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىككى ھەپتىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاساسەن ھازىرلىغان دوكلاتىنى يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلدى.

مانفرىد نوۋاك دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنى ساقچى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىدا ئۆزۈل -كېسىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي بويىچە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىشكە چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادى جىنايەتچىلەر ۋە زوراۋانلىققا چېتىلمىغان دىلولارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئۆكتىچىلەرگە قارشى قوللىنىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. نوۋاك، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۆز ئەركىنلىكىنى تىنچ يوللار بىلەن قوللانغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان كىشىلەر ۋە دىنىي زاتلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

مانفرىد نوۋاك، ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ھەر قانداق مەھبۇس بىلەن تەنھا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋە ھەر قانداق تۈرمىنى خالىغانچە تەكشۈرۈشكە يول قويۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئالغاندىن كېيىن، خىتاي تۈرمىلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە مەھبۇسلار بىلەن تەنھا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى ب د ت ئەمەلدارى بولۇپ قالدى.

نوۋاك ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ زىيارەتتە بولغان

مانفرىد نوۋاك ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغاندا 3 - تۈرمە، ليۇداۋان تۈرمىسى، 1 - تۈرمە ۋە 4 - تۈرمىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ۋە ئەدلىيە نازارىتىدىكى دائىرىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

لېكىن دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، نوۋاكنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىنى زىيارەت قىلىش پىلانى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىش پىلانىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن "چوڭقۇر ئەپسۇسلانغانلىقىنى" تىلغا ئالغان.

دوكلاتتا نوۋاك، خىتاي "ئەدلىيە سېستىمىسى ۋە ئۇنىڭ جازا يۈرگۈزۈش ئوبىكتىنىڭ بولۇپمۇ سىياسىي جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك دىلولاردا مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقى كىشىنى چۆچىتىدۇ" دەپ يازغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ، خىتاينىڭ جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىپ، سۆز ۋە ئىپادىلەش ئەركىنلىكى، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوللانغان كىشىلەرنى "ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ئەمگەك بىلەن مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش، ھاقارەتلەش، ئۇلاردا گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى قوزغاش ۋە تۇتقۇنلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق يوللار بىلەن جازالاش ئىنسانچىلىققا سىغمايدىغان ئۇسۇللار" دەيدۇ.

نوۋاك توختى مۇزارت ۋە ئابدۇغەنى مەمتىمىن بىلەن سۆھبەتلەشكەن

tohti-muzart.jpg
تارىخشۇناس توختى مۇزات. نوۋاك ئەپەندى ئۈرۈمچىدە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان تارىخشۇناس توختى مۇزات بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

نوۋاكنىڭ دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئۇ 3 - تۈرمىدە تارىخشۇناس توختى مۇزات بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. نوۋاك ، مەزكۇر تۈرمىدە 1925 نەپەر ئەر مەھبۇس بارلىقىنى ۋە توختى مۇزاتنىڭ 1998 - يىلى 6 ‏- فېۋرالدا دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 1999 - يىلى 3- ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن "بۆلگۈنچىلىككە ئۇرۇنغان" ۋە "دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېرىشىشكە ئۇرۇنغان" دەپ قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، توختى مۇزات ب د ت ئەمەلدارىغا ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن 2 يىلغىچە ئۆزى بىلمەيدىغان بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ۋە 2 يىلدىن كېيىن 3 - تۈرمىگە يۆتكەپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. توختى مۇزات تۈرمىدە ھەر كۈنى 8 سائەت ئىشلەيدىكەن. ئۇ، ب د ت ئەمەلدارىغا ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە بىر قەدەر ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابدۇغەنى مەمتىمىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى نازارەتچىسى 3 - تۈرمىدە كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بىرى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئابدۇغەنى مەمتىمىن 3 - تۈرمىگە 2004 - يىلى 2 - ئايدا يۆتكەپ كېلىنگەن. دوكلاتتا، ئابدۇغېنىنىڭ 2002 - يىلى 8 - ئايدا قەشقەر دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلەش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى يازغان بولۇپ، ئۇنى "مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇخبىرى" دەپ ئاتىغان. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بىر يىلغىچە ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.

يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن تەن جازاسىغا ئۇچرىغان

ئۇ (نۇرمۇھەممەت ياسىن) 2004 - يىلى 30 - نويابىردىن 2005 - يىلى 17 مايغىچە بولغان ئارلىقتا ئېلىپ بېرىلغان سوراقلاردا قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەن جازاسى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان.

نوۋاك دوكلاتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر بىلەن 2005 -يىلى 10- ئاينىڭ 19 - كۈنى جەنۋەدە ئۇچراشقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۈرمىگە سولىنىش كەچۈرمىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، نوۋاك 1 - تۈرمىنى تەكشۈرگەندە مەزكۇر تۈرمىدىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، دوكلاتتا "ئۇ 2004 - يىلى 30 - نويابىردىن 2005 - يىلى 17 مايغىچە بولغان ئارلىقتا ئېلىپ بېرىلغان سوراقلاردا قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەن جازاسى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان" دەپ تەكىتلىگەن. نۇرمۇھەممەت ياسىن 2004 - يىلى نويابىردا " قەشقەر ئەدەبىياتى" جورنىلىدا ئېلان قىلغان " ياۋا كەپتەر" ناملىق ھىكايىسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى "قەشقەر ئەدەبىياتى " جورنىلىنىڭ مۇھەررىرى كۈرەش ھۈسەيىننى شۇ سەۋەبدىن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، نۇر مۇھەممەت ياسىن يېتىۋاتقان 1 - تۈرمىدە 1337 نەپەر خىتاي جىنايەتچى، 1056 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس بار ئىكەن. دوكلاتتا 4 - تۈرمىدىكى 1731 نەپەر مەھبۇسنىڭ 741 نەپىرىنى خىتايلار، 689 نەپىرىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نوۋاك دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇنلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى، تەن جازاسى ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىتلارنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىشنى ۋە ئادۋۇكاتلار گۇناھكارغا ئىقرارنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەۋسىيە قىلسا جازالىنىدىغان قانۇن ماددىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دوكلاتتا نوۋاك، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن مەملىكەت بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي قانۇنىدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتىگە دائىر ماددىلارنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، بۇ قانۇننىڭ مەزمۇنى مۈجىمەل بولۇش بىلەن بىرگە، مەزكۇر قانۇن ئاساسلىقى سىياسىي ۋە دىنىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشقا قارىتىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.