نامايىش ئۈرۈمچى ۋاقىتى كەچقۇرۇن سائەت 5 تە ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا باشلانغان بولۇپ، نامايىشنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تور ئابونىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشنى تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىش پىلان قىلىنغان.
خەلق مەيدانىدىكى نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن، نامايىش جەنۇبى قوۋۇق، رابىيە قادىر سودا سارىيى ئەتراپى، دۆڭكۆۋرۈك ۋە كونسۇل كوچىسى ئەتراپىغا كېڭەيگەن.
ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدىكى نامايىش ساقچىلارنىڭ توك كالتەكلىرى، ياش ئاقتۇرۇش بومبىلىرى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، نامايىش داۋاملىق ھالدا جەنۇبى قوۋۇقتىن دۆڭكۆۋرۈككىچە بولغان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان.
ۋەقەدىن خەۋەردار شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ئىچىگە 3 كۈندىن بېرى تەقىب قىلىنغان بولغاچقا نامايىشقا قاتناشقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئانچە كۆپ بولمىغان.
يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى ئۈرۈمچىگە جايلاشقان ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئامانلىق خادىمى بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق توختىلىشنى خالىمىدى.
نامايىشقا گۇۋاھ بولغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە نامايىش يۈز بەرگەن رايونلاردا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن.
نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۈرۈمچىلىك خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇش كەچ سائەت 11 لەر ئەتراپىدىمۇ توختىمىغان بولۇپ، ئۇ خانىم ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى، ئوق ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرگەنلىكىنى، ئادەم ئۆلۈش ھادىسىلىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز سۆزلەشكەن يۇقىرىقى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، ئادەم تۇتۇش ئىشلىرى يەنىلا داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئاڭلىماققا مەزكۇر ئايالنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن ئەنسىز، كەيپىياتى ئىنتايىن جىددىي ئۆزى ۋەھىمىگە پاتقان ئىدى. نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش جەريانىدا بىر نەچچە ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، نامايىش توقۇنۇش تۈسىنى ئالغان.
ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپتە نەچچە 1000 ئەتراپىدا ئادەمدىن باشلانغان نامايىشچىلار قوشۇنى كەچقۇرۇنغا يېقىن، بارغانچە ئۇلغايغان ۋە كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا 10 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى باستۇرۇشقا قوراللىق ساقچى قىسىم، ئالاھىدە ساقچىلار ھەم خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن ۋە نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان.
نامايىش نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلىك فىلىملەرگە قارىغاندا ئوق ئاۋازى تەرەپ تەرەپتىن ئاڭلىنىپ تۇرماقتا. دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىكى بىر بىمارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە نەچچە ئون نەپەر يارىدار مەزكۇر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا نامايىشتا 3 ئادەم ئۆلگەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي. ئەئامما، ئىنكاس قىلغۇچىلار ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنڭ ئۇنىڭدىن كۆپلۈكىنى بىلدۈرمەكتە.
25 - ئىيۇن يېرىم كېچىدە شاۋ گۇئەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە مەزكۇر زاۋوتتىكى خىتاي ئىشچىلار ۋە بىر قىسىم قارا جەمئىيەت ئەزالىرى بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغان ۋە مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى توپلىشىپ ئۇرغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ۋەقەدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 89 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېغىر - يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى خىتايچە تور بەتلىرى، تور چايخانىلىرى ۋە خىتاي تىلدىكى مۇنازىرە سورۇنلىرىدا بۇ ھەقتە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پىكىرلەردە ئۇيغۇرلارنى ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەتلەيدىغان، كەمسىتىدىغان سۆز ئىبارىلەر كەڭ تارالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر سانىنىڭ 12 نەپەرگە يېتىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزلارنىڭمۇ بارلىقى مۇنازىرە قىلىنغان ئىدى.
ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇن كەچقۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن شاۋ گۇئەن ۋەقەسىدە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇر تىلدىكى تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇر ۋە بىر ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا نامايىش، باشقا جايلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.