تىنچلىق ئەترىتى تەشكىلاتى 50 يىلدىن بۇيان دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىزمەت كۆرسەتمەكتە

Peace Chourps تەشكىلاتىدىكى 8 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ دەردىنى يەڭگىللىتىش خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان.

0:00 / 0:00

1960-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جون كېنىدىي، ئامېرىكىنىڭ مىشىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىلىقلارغا، بولۇپمۇ يېڭى ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەرەققىي قىلىۋاتقان، بولۇپمۇ نامرات بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بېرىپ، جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىشنى، بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى، دۆلەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى توغرا چۈشەندۈرۈشنى، قىسقىسى ئامېرىكىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. سابىق پرېزىدېنتنىڭ شۇ قېتىملىق نۇتقىدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىدا Peace Courps تەشكىلاتى يەنى تىنچلىق ئەترىتى تەشكىلاتى قۇرۇلدى.

50 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۇ تەشكىلاتتا، ھازىر 200 مىڭدىن ئارتۇق ياش قىز-يىگىتلەر خىزمەت كۆرسەتكەندىن سىرت، نۆۋەتتە 8 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ دەردىنى يەڭگىللىتىش خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان. تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى، سابىق پرېزىدېنت جون كېنىدىي تەشەببۇس قىلغىنىدەك، يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەشكىلات ھەقسىز مەدەنىيەت بىلىملىرى تارقىتىش، ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىشنى نىشان قىلغان.

تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن نىشا سكارىئا تىنچلىق ئەترىتى تور مەيدانىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ھىندونېزىيىگە بېرىپ، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىقى خىزمىتىنى تاللىغان بولۇپ، ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا: «مەن تېخى ياش، ھاياتنى قايسى يول بىلەن باشلايمەن، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن، بۇ جەھەتتە ئېنىق بىر قارارغا كەلگىنىم يوق، ھىندونېزىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئازراق بولسىمۇ ئىجابىي ئۆزگىرىش بېغىشلىسام، بۇ مەن ئۈچۈن بەخت ۋە بۇ ئارقىلىق ھايات تەجرىبەم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ دەپ قارايمەن» دەيدۇ.

پېنسىلۋانىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق ياش تراۋىس بلۇملىڭمۇ ئىنگلىز تىلى دەرسى بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنى تىنچلىق ئەترىتى تەشكىلاتىغا تىزىملاتقان بولۇپ، ئۇ قايسى دۆلەتكە بېرىش قارارىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملەرنى بېرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىگە ئاتقان بۇ ياشلار، ۋەزىپىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ ھايات قەدىمىنى باشلىغاندا، ئەلۋەتتە جەمئىيەت ئۇلارغا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.

تىنچلىق ئەترىتىنىڭ باشقا ياردەم بېرىش تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلاردىن پەرقى، چەت دۆلەتكە بېرىپ ياشاش ۋە شۇ دۆلەتتە خىزمەت قىلىش بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق رەھبىرى جون ئۇئىليامىسنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاندتا خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ تەشكىلاتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئوخشىمىغان ساھەلەرگە ياردەم قولىنى سۇنغاندىن سىرت، بالىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىگە بولۇپمۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ياردەم كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنى خۇددى تايلاند پۇقراسىغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە " : بىزنىڭ مەۋجۇت بولغان بارلىق قىيىنچىلىقلارنى تولۇق ھەل قىلىشىمىزغا قۇربىمىز يەتمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ ھەل قىلىشقا بولغان تىرىشچانلىقىمىز ناھايىتى يۇقىرى " دەيدۇ.

«ئومۇمەن تەشكىلاتىمىزنىڭ مەقسىتى، ئامېرىكىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چىن دوستلۇق ئورنىتىشتىن ئىبارەت» دېگەن ئۇئىليامىس يەنە، «بىزنىڭ ئەزالىرىمىزدىن نىشا سكارىئا، ئەڭ يىرىك مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان ھىندونېزىيىگە بېرىشتىن بۇرۇن ئازراق ئويلىنىپ قالدى، ئەمما ھازىر ئۇ ناھايىتى خۇشال خىزمەت قىلىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

نىشا سكارىئا ئۆزى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھىندونېزىيىنى ناھايىتى رادىكال، دىنىي تەرتىپ-قائىدىلىرى قاتتىق بىر جەمئىيەت دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم، ئەكسىچە بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم مېھمان دوست، ئوچۇق كۆڭۈل بولۇپ، مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، بىز خۇددى بىر ئائىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ئايلىنىپ قالدۇق، ۋەزىپەم ئاخىرلىشىپ كېتىشكە توغرا كەلگەندە بۇلاردىن قانداق ئايرىلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن.»

ئامېرىكا پۇقرالىرى ھىندونېزىيىگە ئوخشاش بۇنداق دۆلەتلەردە تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان دېگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان تراۋىسنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى بۇيرۇغان بىراق تراۋىس بۇنى رەت قىلىپ، ئاتا-ئانىسىغا «مېنىڭ گۇمانلىرىم ناتوغرا بولۇپ چىقتى، ھىندونېزىيىلىكلەر مېنى ھۆرمەت بىلەن مېھمان سۈپىتىدە كۈتۈۋالدى، ماڭا ئالىي ئېھتىرام كۆرسەتتى. مەن ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە، يىغىنلىرىغا قاتناشتىم ھەتتا مەسچىتلەرگە باردىم، ئۇلاردىن ماڭا ھېچقانداق زىيانكەشلىك كەلمەيدۇ» دەپ مەكتۇپ يوللايدۇ.

ھازىرغا قەدەر تىنچلىق ئەترىتىنىڭ 200 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى، ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 140 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە كۆرە، ھەتتا تىنچلىق ئەترىتى تەشكىلاتىدا، ئامېرىكىدا ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.