ئاۋسترالىيىدىكى «تەڭرىتاغ ئانىلىرى» ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا

ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە قۇرۇلغان «تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» قىسقىنىغا بىر يىل ئىچىدە ئۆز تىرىشچانلىقلىرى بىلەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

0:00 / 0:00

ئۇلار بىر يىل جەريانىدا ھەر ئايدىكى يىغىلىشلىرىدا توپلانغان 5000 دوللارنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ زېمىن ئىلىشى ئۈچۈن بەرگەن. ئۇلار يەنە 11-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتلىق ۋە جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۆزلىرى تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملارنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش ئارقىلىق يەنە 1200 دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى جەمئىيەتكە بەرگەن.

«تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» قۇربان ھېيتلىق ۋە جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۆزلىرى تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملارنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن جەملىدى. 2012-يىلى 17-نويابىر، ئاۋسترالىيە.
«تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» قۇربان ھېيتلىق ۋە جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۆزلىرى تەييارلىغان ماددىي بۇيۇملارنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن جەملىدى. 2012-يىلى 17-نويابىر، ئاۋسترالىيە. (RFA/Abide)

گۇرۇپپىدىكى خانىم-قىزلار بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەبۇ بەكرى سىدىق مەسچىتى ھويلىسىدا يەنە بىر خاسىيەتلىك ئىش ئىلىپ بارغان. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن «تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مەستۈرە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

مەستۈرە خانىم ئۆز سۆزىدە «تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» نىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ توختاپ قالماي داۋاملىشىدىغانلىقىنى، خانىم-قىزلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىدە بولۇپ ئىتتىپاق بولۇپ، بىر-بىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ھەم شۇنداقلا بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى ئۇلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.