زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا: شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ

ئىلياز ساكا ئەپەندى زۇلۇمنىڭ ھېچ قاچان ئەبەدىي داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، بىر كۈنى چوقۇم ھەر مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ھوقۇققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

بىز ئىستانبۇل شەھىرىگە قاراشلىق زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىلياز ساكا ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

سوئال: ھۆرمەتلىك ئەپەندى، سىز بىر شەرقىي تۈركىستانلىق شۇنداقلا بىر مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بىر خىزمەت قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەممىدىن ئاۋۋال بىر ئىنسانىيەت مەسىلىسى، بۇ مەسىلە پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ياكى سىياسىي جەھەتتىن باشقا بىر مەلۇم دۆلەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس بەلكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر ئىنسانىيەت مەسىلىسىدۇر، چۈنكى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ مەسىلە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىققا ئېرىشكەنگە قەدەر ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى بولۇپ داۋام قىلىدۇ. مەن ئالدى بىلەن بىر دۆلەت كادىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆز ۋەزىپەمنى جايىدا قىلىشقا بەلكى تېخىمۇ ئارتۇق قىلىشقا تىرىشىمەن، چۈنكى بۇ يەردە ئىنسانلار ماڭا قىزىقىش ۋە ھەۋەس قىلىش بىلەن قارايدۇ. مەن بۇ يەردە ئىشلىگەن بىر خاتالىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ۋەزىپەمنى ئاشۇرۇپ قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر ئىشلار قىلىشقا، كېرەكلىك قەدەملەر بېسىشقا، بۇ مەسىلە ھەققىدە قېرىنداشلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش، پىكىر-ئالماشتۇرۇش ۋە خىزمەت-پائالىيەت قىلغان قېرىنداشلارغا ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن.

سوئال: ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا كىم سەۋەبچى دەپ قارايسىز؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن ۋەقەنى ئېنىق تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەك، ئۇ تۇپراقلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۇپراقلىرى، بۈگۈنكى كۈندە مىسال قىلىدىغان بولساق، نامەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئىنسانلىرى باشقا بىر ئىنسانلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنى ئۆلتۈرسە ئۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا شۇ يەرلىك خەلق سەۋەبچى بولدى، دېيىش مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇن ئەمەس. مەسىلىگە مۇشۇنداق قاراش كېرەك، ئۇ يەرگە سىرتتىن كەلگەنلەرنى نېمىشقا كەلدىڭ دەپ سوراش كېرەك. ئۇ يەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت تۈسىنى، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى نېمىشقا ئۆزگەرتىڭ دەپ سوراش كېرەك. نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردىكى ئىنسانلار ئىشسىز قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادى ئىمكانلارغا چەكلىمە قويۇلىدۇ، نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ؟ بۇلارنى سوراش كېرەك. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە يول قويۇش كېرەك. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يالغۇز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، مەيلى خىتاي بولسۇن، مەيلى ياپونلار بولسۇن مەيلى ئامېرىكىلىق بولسۇن ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش كېرەك. مەسىلىگە بۇ نۇقتا بىلەن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەقسىزلىققا ئۇچرىدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى قەتلى قىلىندى. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا ئەجنەبىي ئىنسانلار كەلمىگەن بولسا ئىدى، ھەر مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا ئىدى، ھېچ قانداق يەردە قەتلىئام ۋە قىرغىنچىلىق يۈز بەرمەيتتى، دۇنيادا ھېچ كىم ھەقسىزلىققا ئۇچرىمايتتى.

سوئال: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالغانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى داۋا قىلىۋاتىدۇ، سىزچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشى ھەم تەرەققىياتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر پايدىسى بولامدۇ؟

جاۋاب: بۇ بىر ئىمپېرىئالىست كۈچلەرنىڭ يالغانچىلىقى، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئىمپېرىئالىست كۈچلەر بىر يەرنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن ئاشۇنداق يالغان ياۋىداقلارنى توقۇپ چىقىدۇ، مەبلەغ سېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، دېگەنگە ئوخشاش قۇرۇق شوئارلار ھەر يەردە جار سېلىنغان يالغان گەپلەردۇر. ھېچ كىم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا ئىنسانلارنى بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە كۆچۈشكە مەجبۇرلاش، مىللىي مەدەنىيەتنى يوق قىلىش، قىرغىنچىلىققا يول ئاچىدىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە زورلىغانلىق بولىدۇ. ئىنسانلار ياخشى يېيىش ۋە ئىچىشتىن بەكرەك ئەركىن ياشاش بىلەن خۇشال بولىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكتىن بەكرەك ئەركىنلىك قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارغا ئەركىنلىك بېرىلىشى كېرەك، ئىنسانلار جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن ئەركىن بۆلىشى كېرەك، ئەركىن سۆزلەش، ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك، ھەر قانداق مىللەت ئۆز مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بىرگە زامانىۋى دۇنيا بىلەن ياشاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. خىتاينىڭ بۇ تەرەققىيات ۋە مەبلەغ سېلىش شوئارلىرى شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرمۇشنى ياخشىلاش دېگەنگە ئوخشاش قۇرۇق شوئارلار بىلەن ئىنسانلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈشكە زورلاش، ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكىرىدىن خىتايلارنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى قانداقمۇ تەرەققىيات دېگىلى بولسۇن، خىتاينىڭ تەرەققىياتى بۇمۇ؟ بۇنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ مەسىلە پەقەت يېيىش، ياخشى ياشاش بولسا ئىدى، دۇنيانىڭ مەلۇم دۆلەتلىرى بار پۈتۈن ئىنسانلار شۇ يەرگە كەتكەن بولاتتى، ئەمما بۇ يەردە ۋەتەن، مىللەت دېگەن بىر چۈشەنچە بار، بۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ ياشاش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ھېچ قاچان شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، زۇلۇم ھەرگىزمۇ داۋام قىلمايدۇ، بىر كۈنى چوقۇم ھەر مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆز بەلگىلەيدىغان ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولىدۇ، مەن بۇنى كۆزلىرىم بىلەن كۆرىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

سوئال: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا باشقا قوشۇمچە قىلىپ دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟

ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى ھېچ قاچان ئۇنتۇماسلىق كېرەك ۋە ھەر زامان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ھېچ قاچان ئۇنتۇماسلىق كېرەك بولغان بىر مەسئۇلىيىتى بار، ھەر قانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشلىگەن ھەر قانداق بىر خاتا ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، ھەر قانداق بىر توغرا ھەرىكەت ئۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنى داۋاملىق ھېس قىلىپ ياشاش كېرەك. بىز دۇنيانىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدە بەزى پايدىلىق شارائىتلارنى كۆرۈۋاتقان بولساق، بۇ پەقەت ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ۋە بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق بولغانلىقىمىزنىڭ پايدىسى سەۋەبىدىن قۇلايلىق شارائىتلارنى كۆرۈۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. رىزقىمىزدا بىر موللۇق بولسا بۇنىڭ مۇھاجىرلىقىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار. بىز پۇل-مال ئۈچۈن ئەمەس، تىلىمىز ۋە دىنىمىز بىلەن ياشاشنى شۇنداقلا ئاللاھنى رازى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ھىجرەت قىلدۇق، ئاللاھ دىن ۋە تىل ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان ئىنسانلارغا كەتكەن يەرلىرىدە چوقۇم كەڭرىچىلىك بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ قەدرىگە يېتىش كېرەك. بۇ كەڭرىچىلىك ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئانا ۋەتەندىن ئايرىلغانلىقىمىز ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى ھېچ قاچان ئۇنتۇماسلىق كېرەك ۋە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قىلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

ئىلياز ساكانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئىلياز ساكا 1962-يىلى تۈركىيىنىڭ مانىسا شەھىرىگە قاراشلىق سالىھلى ناھىيىسىدە قازاق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 1952-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركىيىگە ھىجرەت قىلغان قازاقلاردىن بولۇپ، ئۇلار 1967-يىلىدىن بۇيان زەيتىنبۇرنۇدا ياشىماق ئىكەن. ئىلياز ساكا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە 1999-يىلدىن 2004-يىلغىچە زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن. كېيىن شەھەر باشلىقىنىڭ كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلغان، 2009-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىلىك مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.