كورلىدىكى مەزكۇر ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات رايونى قۇرۇلغىنىغا 11 يىل بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ رايونغا 421 خىتاي كارخانا ۋە شىركەتلىرى كۆچۈپ كەلگەن. كورلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، مەزكۇر تەرەققىيات رايونى ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىركەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغاندىن باشقا، بۇ رايوننىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ كورلا شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بارغانچە يېزىلارغا كۆچۈپ تارقاقلىشىشقا مەجبۇر بولماقتا.
2000-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ كورلا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئېگىز ئىمارەتلىك، يېڭى ئاسفالت يوللۇق، مۇھىتى گۈزەل، ئېلېكترلەشكەن ۋە سانائەتلەشكەن بىر يېڭى شەھەرچە قوپۇرۇلدى.
ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بويىچە قۇرۇلغان كورلا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدۇر. 18-ئاپرېل كۈنى بۇ تەرەققىيات رايونى ئۆلكە دەرىجىلىك ئېچىۋېتىلگەن رايوندىن دۆلەت دەرىجىلىك ئېچىۋېتىلگەن رايون دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىكى ئارخىپلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، كورلا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كورلا شەھەر مەركىزىگە 8 كىلومېتىر، كورلا ئايرودرومىغا 6 كىلومېتىر، پويىز ئىستانسىسىغا بەش كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 6 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول، ئىككى ئايرودروم ۋە پويىز ئىستانسىسىغا ئۇلىنىدۇ. ئىگىلىگەن دائىرىسىدە تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە باغراش كۆلى قاتارلىقلارمۇ بار، مەزكۇر تەرەققىيات رايونى كورلا شەھىرىنىڭ سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت قاتنىشى قۇلايلىق ئورنىغا قوپۇرۇلغان بولۇپ، مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ يەرلىشىدىغان خىتاي شىركەت ۋە كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن، ھازىرغا قەدەر بۇ تەرەققىيات رايونىغا كۆچۈپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈپ كىرگەن تۈلۈك سانائەت، ئىقتىسادىي ۋە كەسپىي شىركەت ھەم كارخانىلارنىڭ سانى 421 گە يەتكەن.
باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دائىرىلىرى مەركىزى شەھەر كورلىغا قوپۇرۇلغان بۇ تەرەققىيات رايونىنى 2030-يىلىغا قەدەر كورلىدىكى يەنە بىر يېڭى مەركەز قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلان قىلغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتىكى ئېچىۋېتىش دائىرىسى 80كۋادرات كىلومېتىر، ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئېچىۋېتىش دائىرىسى 60كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ جەمئىي 140 كۋادرات كىلومېتىر دائىرە مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك پىلانغا كىرگۈزۈلگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر تەرەققىيات رايوننى ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئېچىۋېتىش تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىدا ئىكەن. 2008-يىلى بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايوننىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 110 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورلىدا بۇ زور كۆلەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇشقا ئومۇمىي قانچىلىك مەبلەغ ئاجراتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
2005-يىلىدىكى ستاتىستىكا كورلىدىكى بۇ تەرەققىيات رايونىدا 111 تۈرگە مەبلەغ سېلىنغانلىقى، ئاساسلىق نوپۇسىنىڭ 12 مىڭغا يەتكەنلىكى بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە نوپۇسنىڭ 2100 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە، بۇ كۆنچى دەريا بويىدىكى غايەت زور تەرەققىيات رايونىنىڭ مەبلەغ سېلىش، سانائەت، قاتناش،سەھىيە، تۇرالغۇ،مائارىپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە، ئاساسلىق مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشى، كۆڭۈل ئېچىش، مۇھىت ئاسراش تۈرلىرى بويىچە، بۇ جايدا مەبلەغ سالغۇچى ھەم ياشىغۇچى كۆچمەنلەرگە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق، سىستېمىلىق ھەم مۇكەممەل شارائىت ھازىرلانغان بولۇپ ھەتتا تەرەققىيات رايونى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت مەمۇرىغا ئىگە ئىكەن.
مەزكۇر رايوننىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە بۇنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كورلىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.
بىر كورلا شەھەر ئىچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كورلا شەھىرىدە باش كۆتۈرگەن بۇ يېڭى تەرەققىيات رايونىدا ئۇيغۇر يوقلۇقىنى شۇنداقلا ئاتالمىش تەرەققىياتلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بولۇۋاتقان بولسا، ئەكسىچە، يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلۈشكە ئوخشاش ئەكسى تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
كورلىدا ئىگىلىك تىكلىگەن مىللىي كارخانىلاردىن مەلۇم بىرىنىڭ ياش دىرېكتورى، ئۇيغۇرلارنىڭ شىركەت كارخانىلىرىغىمۇ بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىن ئورۇن يوقلۇقىنى، ئەمما خىتاي شىركەتلىرى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن تەكلىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
18-ئاپرېلدىن باشلاپ كورلىدىكى بۇ ئۇيغۇرسىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا باش كۆتۈرگەن بىردىن -بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئېچىۋېتىلگەن رايونغا ئايلاندى.