بېيجىڭ دائىرىلىرى 30-31-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكىتى» ئىكەنلىكى ھەتتا بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا تەربىيىلەنگەنلىكى ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسەتسە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتايلار ئېيتقاندەك «تېررورلۇق ھەرىكىتى» بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارىتا بېرىلگەن كۈچلۈك ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇلارنى «تېررورچى» دېمەيۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر قانداق ۋەقە يۈز بەرسە ئۇنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانى ئىشەندۈرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە قولىدا كالتەك ۋە تاشتىن باشقا نەرسە يوق كىشىلەرگە ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلمايدىغان دۆلەتلەردە بولىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.