خىتاي «تېررورچىلىق» نىڭ تەبىرىنى ئون يىل ئۆتكەندە قايتىدىن بېكىتمەكچى بولغانلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دېگەن بوھتان بىلەن باستۇرۇشقا باشلاپ 10 يىل ئۆتكەندە، ئەمدى خەلق قۇرۇلتىيىغا نېمىنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشنى تاپشۇردى.

0:00 / 0:00

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، خىتاينىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا «تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە بەلگىلىمە» دېگەن قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا، يەنى نېمىنىڭ تېررورچىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەبىرنى مۇزاكىرە قىلىشقا تاپشۇردى. كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىدە، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغانلىقىنى «تېررورلۇق» دەپ قانۇنلاشتۇرماقچى بولغان.

بۇ ھەقتە ب ب س قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرە بەتلىرىدە ھەرخىل ئوبزورلار ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزورلارنىڭ بېرىدە، ھۆكۈمەت بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بىر مىللەتنىڭ ھۆكۈمىتى باشقا بىر مىللەتنىڭ ھۆكۈمىتىگە ياكى خەلقىگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانداق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىگە، يەنى ئۇنىڭ خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ئەگەر ئۇ خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت (دېموكراتىك ھۆكۈمەت) بولسا، ئۇ، ھەرگىز خەلققە تاجاۋۇز قىلمايدۇ. مۇبادا ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، خەلق ئۇنى تەنقىدلىيەلەيدۇ، ھەتتا ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ. ئەگەر ئۇ خەلق تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلمىغان ھۆكۈمەت بولسا، ئۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەت. مۇستەبىت ھۆكۈمەت خەلقنىڭ پىكرى ۋە ئارزۇيى بويىچە ئىش قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەس. ئۇنىڭ خەلققە قاراتقان ھەر قانداق ھەرىكىتى تېررورلۇق ھەرىكەت، ئىنسانىيەتكە قارشى ھەرىكەت.

ئوبزورلارنىڭ يەنە بېرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورچىلىق» دېگەننىڭ تەبىرىنى 10 يىلدىن كېيىن قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىپ قانۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقى، خىتاينىڭ «تېررورچىلىق» دېگەن مەسىلىدە بۇرۇن دېگەن گەپلىرى خاتا ھەم قانۇنسىز بولغانلىقى. ئەمما بۇنى، خىتاي ھازىر خاتالىقىنى تونۇماقچى بولدى دەپ چۈشەنمەسلىك كېرەك. كوممۇنىست پارتىيىدە خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئىنسانىي ئەخلاق يوق. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم راستىنىلا خاتالىقىنى تۈزەتمەكچى بولغان بولسا، ئىنتېرنېتنى ئېچىۋەتسۇن، خەلقنى ئەركىن پىكىر بايان قىلغىلى قويسۇن، بۇنى قىلالمىسا، ئۇنىڭ دېگەن ھەر قانداق گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بەلكى خەلق بۇنداق ھۆكۈمەتنى تاقىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك.

ئىنتېرنېتتىكى ئەركىن مۇنازىرە بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلارنىڭ يەنە بېرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باشقا مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىنغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا يەرلىك خەلقنىڭ سېربىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئىپادىلىگەن قارشىلىقىنى «تېررورلۇق» دەپ باستۇرغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىمۇ ئۇيغۇرلارنى شۇنداق قىلدى. ئەگەر ئۇيغۇرلار، خىتاي ئىگىلىۋالماقچى بولغان مول تەبىئىي بايلىقلار ساقلىنىپ ياتقان زېمىننىڭ ئىگىسى بولمىغان بولسا، ئېھتىمال«تېررورچى» دەپ باستۇرۇلماسلىقى مۇمكىن ئىدى. خىتاي بۇنى خەلقئارانىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن پۇرسەت سۈپىتىدە پايدىلىنىپ ۋە پۈتۈن دىپلوماتىيە كۈچىگە تايىنىپ، ئەتراپتىكى ئاجىز دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ قىلدى. بۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە، خىتاينىڭ قوراللىق ۋە قورالسىز ھەربىي قىسىملىرىغا، ساقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش شەكلى بىلەن ئىپادىلەنگەن ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتلىرى ھەرگىز تېررورچىلىق دەپ ھېسابلانماسلىقى كېرەك.

ئىنتېرنېتتىكى مۇنازىرە بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلارنىڭ يەنە بېرىدە، خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشتى. ئەمما خىتاي دۇنيانى ئۆزىنىڭ توغرا قىلغانلىقىغا پەقەت ئىشەندۈرەلمىدى. خىتاي ھەتتا ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە قاماپ قويغان ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى ئىدى» دەپ كۆرسەتكەن ئىسپاتىغىمۇ دۇنيا ئىشەنمىدى. ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دېگەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى دۇنيادا يالغانچى بولدى. ئەمدى ئۇ يەنە بۇنداق يالغان گەپلەرنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي خەلقى، خەلق قۇرۇلتىيى دېگەننى «رېزىنكە تامغا» (ئىناۋەتسىز تامغا) دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەكىللىرىنى خەلق سايلىمىغان، ئۇ دېگەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئويۇنچۇقى. مۇشۇ ئورگان بۇ قېتىم يەنە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ساختا ھۆججىتىگە- رېزىنكە تامغىسىنى بېسىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ كەلگۈسىدە، خەلق قۇرۇلتىيى دېگەن بۇ ئورگاننىڭ كوممۇنىست پارتىيىگە ئەگىشىپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.