خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى
2005.09.06
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ يۇڭچىن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارالىق قانۇن يىغىنىدا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى ئۆتكەنكى ئون يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا جايلاردا 260 قېتىمدىن ئارتۇق تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغاپ، 160 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 440 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شەرقىي تۈركىستانچىلار" غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا كەمدىن- كەم ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلىرى ھېسابلىنىدىكەن.
جاۋ يۇڭچىن سۆزىدە " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇلار خىتايغىلا تەھدىت بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن رايۇننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تەھدىتدۇر." دېگەن. ئۇ 2003 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن ئاپتۇبۇسنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى سادىر قىلدى دەپ كۆرسىتىپ، بۇنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھوجۇملارنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.
شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى
بۇ ئارىدا شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ يىتەكچىلىرىنىڭ بىرى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، مۇنداق دېدى:
شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بىردىن-بىر مەقسىتى خىتاي باسقۇنچىلىرىنى ئۇيغۇر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.
"شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بىردىن-بىر مەقسىتى خىتاي باسقۇنچىلىرىنى ئۇيغۇر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. ئەگەر بۇ ۋەقە ۋەتەندە بولدى ياكى ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ كۆپى ياكى ھەممىسى خىتاي بولغان بولسا، بۇنداق دېيىش بىراز ئەقىلگە ئۇيغۇر بولاتتى. بۇ ۋەقە قىرغىزىستاندا يۈز بەردى ھەم ئۆلگۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار. بۇنى يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتىلىرى قىلدى دېيىش پەقەت ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر مەسىلە. 11- سېنتەبىردىن كېيىن خەلقئارادىكى تېررورىزمغا قاشى تۇرۇش شامىلىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى شۇ زېمىندىن داۋاگەرسىز قىلىمەن دەپ، تۈرلۈك ئۇسۇل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خىتاي بۇنى ئويناۋاتىدۇ. بۇنى خەلقئارا جامائەتمۇ بىلىگلىك، ئۇيغۇر خەلقىمۇ بىلىگلىك. ئەمما، بۇنداق قىلىپ، خىتاي ھېچقاچان غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ھەم بۇ قالپاقنى بىزگە كىيگۈزۈپ بولالمايدۇ".
يېشىلمىگەن سىر
2003 - يىلى 26 - مارت كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەن بولغان چېگرىسىغا يېقىن جايدا بىشكەكتىن قەشقەرگە قاراپ ماڭغان قەشقەر ئاپتوبۇس كالونىنىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئاپتۇبۇستىكى 21 ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاپتوبۇس بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 16 سى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىدى.
تورغات چېگرىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۇ قېتىمقى ئاپتۇبۇسنى بۇلاش- تالاڭ قىلىپ كۆيدۈرۈش ۋەقەسى ھازىرغىچە تولۇق ئېنىقلانمىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر قىرغىز تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئىلگىرى رادىئويىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەدە نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار بار بولۇپ، بارلىق يولۇچىلار ئالدى بىلەن مېڭىسىگە ئوق تىگىپ، ئاندىن كۆيدۈرۈلگەن. ئالاقىدار دائىرىلەر يولۇچىلارنىڭ زەھەرلىك گاز بىلەن ھوشسىزلاندۇرۇلغاندىن كىيىن ئېتىلىپ، كۆيدۈرۈلگەنلىكىدىن گۇمانلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېزىل مېيى بىلەن ماڭىدىغان بۇ يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىنىڭ شوپۇرى ئوتتۇرا يولدا ئىككى تۇڭ بىنزىن سېتىۋالغان بولۇپ، ئاپتۇبۇستىكى خىتاي شوپۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشىنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغىچە يوق ئىكەن. قىرغىز ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئۈچ كىشىنىڭ دىلو بىلەن چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلانماقتا ئىكەن.
ھالبۇكى ۋەقە تېخى پۈتۈنلەي ئېنىقلانمىغان بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئەمەلدارى جاۋ يۇڭچىن بۇ ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ھەرىكىتى تۇغدۇرغان دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى گۇمانلىق
خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بەكۇلىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلىرىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت دېگەن ئەيىبلەشلىرىگە ۋە بەرگەن سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە مەسىلە بار. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى بىلمەيمىز. خىتاي دائىرىلىرى تىنچ ھالدا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تېررورچىلىقنى پەرقلەندۈرمەيدىغان بولغاچقا، بىز قانچە ۋەقەنىڭ ھەقىقىي تېررورلۇق ۋەقەسى، قانچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلىق دەپ قارىلانغانلىقىنى ئۇقمايمىز. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەھدىتنى كۆتىرىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى ھەقلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
نىكولاس بەكۇلىن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر- بىرىگە زىت سۆزلەر
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جاۋ يۇڭچىن سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى تالىبان، ئەل - قايدە ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا چېتىپ ئەيىبلىگەن. ئەمما بۇ ھەقتە تۈزۈك ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئەمەلدارى جاۋ يۇڭچىننىڭ سۆزى شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ بۇنىڭ ئالدىدا بەرگەن باياناتىغا پۈتۈنلەي زىت بولۇپ، ئىسمايىل تىلىۋالدى بۇ يىل 3 - ئايدا بەرگەن باياناتىدا، 1990 - يىلدىن 2001 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى، تېررورچىلىق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسەن يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ( ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى نارىن ۋەقەسىگە چاتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرماقچى
- ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى
- خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈرۈمچىدە تەييارلىق توپچىلار پولكىنى قۇردى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن بېكىتمەكچى