ئائوياما: بۇ تېررور ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدۇر

ياپونىيىدە تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئائوياما ياپونىيىنىڭ كوبې شەھىرىدە تۇغۇلغان. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملاپ، «كيودو خەۋەرلىرى» دە ژۇرنالىست بولغان. ھازىر «مىتسۇبىشى سوگو كېنكيوجو» تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش تەتقىقاتچىسى. ئۇ كىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى.

0:00 / 0:00

ئائوياما يېقىندا P H P نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «توغرا يولغا قاراپ كېتىۋاتقان ياپونىيە» ناملىق 324 بەت، بەش بابتىن تەركىب تاپقان مەزكۇر ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسىدا: «ئۈرۈمچى ۋەقەسى، خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن زور ۋەقە» دېگەن تېمىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا بولسا، «بۇ تېررور ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدۇر» سەرلەۋھىسى بىلەن، 2008-يىلى 4-ئاۋغۇست قەشقەردە يۈز بەرگەن ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكىم مۇستەقىللىق كۈرىشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالغان.

ئاپتور كىتابىدا مۇنداق بايان قىلغان:
2008-يىلى 4-ئاۋغۇست كۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان قەشقەردە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىدىن 33 ياشلىق ئابدۇراخمان ئازاد، 28 ياشلىق قۇربانجان ھېمىتتىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قەھرىمانى ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 17 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ،يەنە 16 ئەسكەرنى ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل شەكىلدە ئورۇن ئالدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ باتۇرانە ھۇجۇمىدىن دۇنيا يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، تولۇپ-تاشقان جاسارىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. جۈملىدىن ياپونىيە خەلقى ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ قەھرىمانلىقىدىن تەسىرلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئىككى ياش ئوتتۇز نەچچە خىتاي ئارمىيىسى بىلەن ئېلىشسا بۇ شۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولماي، قانداقمۇ تېررورلۇق ھەرىكىتىگە مەنسۇپ بولسۇن؟

ئائوياما ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ قارىلىپ، دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى تېررورنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئاللىقاچان ئاشكارىلانغانلىقىنى، ئافغانىستاندا تۇتۇلۇپ، گۇەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا چېتىشلىق بولمىغان گۇناھسىز ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئائويامانىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئۆزىنىڭ تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئاپتور ئەسىرىدە خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئالدىدا پەرقلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:
خىتاي پۇقرالىرى پىچاق بىلەن خىتاي ئارمىيىسىگە،خىتاي ساقچىلىرىغا ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلسا بۇ تېررورلۇق ھەرىكەتكە كىرمەيدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى تېررورلۇق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. دىنىي 'ئېتىقاد، مەدەنىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولغان ئىككى مىللەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى ھەرگىز تېررورلۇق ھەرىكەتكە كىرمەيدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە مۇستەملىكە قىلىنغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئەلۋەتتە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كۈرەش قىلىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى تارتتۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە بۇ مىللەتنىڭ پىداكار ياشلىرى كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئائوياما، خىتاينىڭ تېررور قالپىقىنى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە قالقان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئادالەت يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي كۈرەشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇمۇھەمممەت قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.