ئامېرىكىدا تەشەككۈر بايرىمى تەبرىكلەندى

شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەر ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى، تەشەككۈر بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىل بۇ بايرام 26 - نويابىر كۈنى يەنى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت بايرىمى بىلەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىللىق تەشەككۈر بايرىمى ئامېرىكىنىڭ يەر شارى خاراكتىرلىك پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىگە ئۇچراپ، ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسپىتى ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشىنى خۇشال - خورام، ئازادە، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن ئامېرىكىلىقلار بۇ يىللىق تەشەككۈر بايرىمىنى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا خۇشال كەيپىياتتا، ئۇرۇق - تۇغقانلار جەم بولۇشۇپ، ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكەن.

ئامېرىكىدا تەشەككۈر بايرىمى كۈنىدە، كىشىلەر ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، بىرلىكتە كۆركى توخۇ ۋە مىۋە تورتلىرى يىيىش ئارقىلىق كېلەركى يىلنىڭ ھەممەيلەنگە باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسپىتى ئېشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكىلىقلار بۇ بايرامغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىلىقلار بۇ يىللىق تەشەككۈر بايرىمى پىلانىنى يىللاردىكىدىن مول ۋە مەزمۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل تەشەككۈر بايرىمىدا تەخمىنەن 38 مىليون ئامېرىكىلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ساياھەت پىلانى ئورۇنلاشتۇرغان.

ھەر يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى چارشەنبە كۈنى، تەشەككۈر بايرىمىدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەشەككۈر بايرىمى زىياپىتىدىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگىتون شەھىرىدىكى نامراتلارغا تەشەككۈر بايرىمىلىق يىمەكلىك تارقاتقان.

ئوباما يەنە يىللاردىكى پرېزىدېنتلار داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە بويىچە،، كەچلىك زىياپەتتە يىيىش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر دانە كۆركى توخونى ئۆلتۈرگۈزمەي شەرتسىز ھالدا قويۇۋەتكەن ۋە بۇ كۆركى توخوغا "غەيرەت" دەپ نام بەرگەن. بۇ توخۇ بۇلتۇرقى تەشەككۈر بايرىمىدا زىياپەت ئۈستىلىگە يېمەكلىك بولۇشتىن ئازاد قىلىنغان "كارالوينا" ئىسىملىك يەنە بىر كۆركى توخو بىلەن بىرلىكتە، ئايرۇپىلان ئارقىلىق دېسنىي باغچىسىغا ئاپىرىلىدىكەن.

ئامېرىكىدا تەشەككۈر بايرىمى، كولۇمبۇنىڭ بۇ زېمىننى تاپقىنىدىن ۋە ياۋروپا كۆچمەنلىرى بۇ زېمىنغا كۆچمەن بولۇپ كەلگىنىدىن كېيىن خاتىرىلىنىشكە باشلىغان. بۇ بايرام دەسلەپ ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئەنگىلىيىلىك كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلەتتى. ئۇلار ئىلگىرى ئەنگىلىيە دېھقانلىرى كەچ كۈز مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مول - ھوسۇل بايرىمى ئاساسىدا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا كەلگەندىن كېيىنكى ھوسۇلىنى تەبرىكلەش ھەم يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئامېرىغا كەلگەن كولۇمبۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى، كۆركى توخو بىلەن مېھمان قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلق ئىندىئانلارغا رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشكەن. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ بايرام بۇ زېمىنغا كەلگەن بارلىق كۆچمەنلەر ئارىسىدا ئومۇملىشىپ بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت خاراكتېرلىك بىر بايرامغا ئايلانغان.

بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ بايرام كۈنىدە كۆركى توخو يىيىش ئادىتى شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ بايرام كۈنىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تۇردى ئەپەندى، ئامېرىكىدا تەشەككۈر بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ كۈننىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇنداق بىر بايرام كۈنىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلىفون ۋە ئىنتېرنېتنى تېخىچە ئەسلىگە كەلتۈرمەي، ئۇيغۇرلارنى ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللى بولغان ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرى بىلەن تېلىفوندا ئەھۋال سوراش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرمەمەت ئەپەندىمۇ ئامېرىكىدىكى تەشەككۈر بايرىمى بىلەن ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىغا تۇتقان ئوخشىمىغان پوزىتسىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقىنى باھانە قىلىپ، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى تېخىچە ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىكى، ھەتتا بايرام كۈنلىرىدىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.