تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى

تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلات مەۋجۇت. تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بىرى.

0:00 / 0:00

. بۇ شەھەردە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋەخپە قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلات بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە مەركىزى، ئەنقەرە شەھىرىدە شۆبىسى بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر قىلىپ كەلمەكتە.

بەزى تەشكىلاتلار ئوقۇ ‏- ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، بەزى تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە يىغىن ‏- نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ پائالىيەت قىلىدۇ. بەزى تەشكىلاتلار بولسا ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپ ئېچىپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت دەرسى بېرىپ كەلمەكتە. بەزى تەشكىلاتلار بىر تەرەپتىن كىتاب ‏- ژۇرنال نەشر قىلىپ تارقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىرىپ، جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن ئورۇنسىز سۆز -ئىبارىلەردىن ھوشيار بولۇشقا ئۈندىمەكتە ھەمدە ئۇلارنى پىتنە ‏- ئىغۋالارغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، بىرلىك باراۋەرلىككە، ئىناق ‏- ئىتتىپاقلىققا چاقىرىق قىلىپ، يىغىن ‏- مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بىز تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان خىزمەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبە باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت تەشكىللىنىپ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سادىق ياقۇتنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، 2010 ‏- يىلى 12 - ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىدىن 5 ‏- كۈنىگىچە شىمالىي قىبرىستا ئۆتكۈزۈلگەن "21 ‏- ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسى " ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر ئاينىڭ بېشىدىكى شەنبە كۈنلىرى جەمئىيەت مەركىزىدە، ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. 2010 - يىلى 12- ئاينىڭ 4-كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە بۇ ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا ياشلار قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى جەم قىلىپ، سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىمۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيىنىڭ، بۇرسا، تىرابزون، يالوۋا شەھەرلىرىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇملىرىنى ئىپادىلىگەن رەسىملەرنى كۆرگەزمە قىلدى.

ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، دۇنيادىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر دوكتورلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلمەكتە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىل كۇرسى ئېچىپ، تۈرك تىلى، ئۇيغۇر تىلى، ئىنگلىز تىلىدىن دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە.