ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ۋە قەغەزچىلىك مەدەنىيىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، 30 يىلدىن بۇيان تىرىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، تۈركىيىدىكى ئىسلام تارىخ ۋە مەدەنىيەت
[ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان تۇغرۇل ئەپەندىOpens in new window ]
، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا قەغەز تارىخچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئائىلىسىدىن كەلگەن مىللىي روھ تۇيغۇسى بىلەن يېتىشكەن ئوغۇزخان، ئۇيغۇر قەغەزچىلىك تارىخىنى دۇنياغا نامايەن قىلىش ئۈچۈن، 2000 - يىلى خوتەن قەغەزچىلىكى توغرىسىدا مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. ئوغۇزخان ئەجىر قىلىپ ئىشلىگەن بۇ فىلىم 2001 - يىلى، خەلقئارا قەغەز ھۈنەرۋەنلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 20 - نۆۋەتلىك دارد خۇنتېر قۇرۇلتىيىدا كۆرسىتىلگەن.
بۇ فىلىمدە خوتەن قەغەزچىلىك مەدەنىيىتىنى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، خوتەندىكى قەغەز ئۇستىلىرىنىڭ قەغەز ياساش ماھارىتى، مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، 2002 - يىلى، ۋاشىنگتوندىكى سىمىتسونىيان ئىنستىتۇتى ئوغۇزخان ئەپەندىنى "خوتەن قەغەزچىلىكى" تېمىسى بويىچە تەتقىقات يېتەكچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشكە تەيىنلىگەن.
شۇ تەرىقىدە، ئوغۇزخان تۇغرۇل ئەپەندى تەييارلىغان خوتەن قەغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەينەك ئۈستىگە خەت چۈشۈرۈش ۋە خەتتاتلىق ئەسەرلىرى 2003 - يىلىدىن 2006 - يىلىغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نيۇيورك ۋە بوستون شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىدا كۆرگەزمە قىلىنغان.
ئوغۇزخان ئەپەندى، خوتەن قەغەزچىلىك تەتقىقاتىنىڭ شۇنىڭدەك مەزكۇر تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەتقىقاتقا نىسبەتەن يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوغۇزخان ئەپەندى يەنە، دۇنيانىڭ خوتەن قەغەزچىلىك مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەلقئارا ئىسلام تارىخ، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان خەتتاتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە تونۇشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلىگىنى تىلغا ئېلىپ، خوتەنلىك خەتتات ياسىن كېرىمنىڭ ھۆسنىخەتلىرىنى ئامېرىكىدا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا كۆرۈنۈۋاتقان يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئوغۇزخان ئەپەندى، دۇنيا بويىچە ئىسلام خەتتاتلىرىنىڭ 6 قائىدە بويىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەتتاتلىرىنىڭ خەت يازغاندا چوتكا بىلەن خەت يازىدىغانلىقىنى، ئەسلىدە خەتلەر قومۇش قەلەم بىلەن يېزىلىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ خەتتاتلىق كەسپى بويىچە رەسمىي دىپلومغا ئىگە خەتتاتلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پىكىر بايان قىلدى.
يۇقىرقىلاردىن باشقا ئوغۇزخان ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان قەدىمقى مازارلىق تاشلىرى ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتە ئۇيغۇر قەغەزچىلىكى، ئۇيغۇر مەتبۇئات بۇيۇملىرى، ئۇيغۇر توقۇمىچىلىقى ۋە گىلەمچىلىكى شۇنىڭدەك يەنە تام رەسىملىرى، زەگەرچىلىك ھەمدە چاقچۇق مەدىنيىتىنىڭ بويۇملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان، ئەمما يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قەدىمىي مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش، دۇنياغا نامايەن قىلىشنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئوغۇزخان، بۇ ساھەدە توختىماي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.