«تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ 18 ئەزاسى تۇتقۇن قىلىنغان

دائىرىلەر «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە ئىجتىمائىي ئاساس تىكلىگەن «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ 18 نەپەر خادىمنى قولغا ئالغان.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى دوختۇرى، «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئابدۇقادىر، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتى تۇرسۇنجان ئابلىمىت، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى خالىدە قاتارلىقلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان ئىدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەتجان ئابدۇقادىرغا 15 يىللىق، تۇرسۇنجان ئابلىمىتقا 9 يىللىق خالىدە قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا 9 يىللىقتىن 7 يىللىققىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن.

بىز ئۆتكەن ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» قۇرغۇچىلىرىنىڭ غايىلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ۋە ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.