خىتاي باش كۆتۈرگەنسېرى، تەيۋەن ئەركىنلىك - دېموكراتىيىدە چېكىنىۋاتامدۇ؟

ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ تەتقىقاتچى مۇدىرى كىرىستوفېر ۋالكېر، تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى لوس ئانجىلىس شەھىرىدە ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتايدا ئىقتىساد تەرەققى قىلدۇرۇلغانسېرى، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى شۇنچە قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتىدۇ، تەيۋەنمۇ خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، تەيۋەندە ھەتتا رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەسلىكتەك ئەركىنلكتە چېكىنىش ھادىسىلىرى يۈز بەردى، دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ تەتقىقاتچى مۇدىرى كىرىستوفېر ۋالكېر، تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى لوس ئانجىلىس شەھىرىدە ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا، تەيۋەن كۆچمەنلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، خىتايدىكى ۋە تەيۋەندىكى ئەركىنلىك ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ تەتقىقاتچى مۇدىرى كىرىستوفېر ۋالكېر تۈنۈگۈنكى سۆزىدە، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە يۇقىرى ئۆرلەپ، ھەربىي قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرۈپ باش كۆتۈرگەنسېرى، تەيۋەن ئەركىنلىك - دېموكراتىيىدە، بولۇپمۇ ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە چېكىنىۋاتىدۇ. بۇ، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندا، خىتايدا ئىقتىساد يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئەمما خەلقنىڭ ئەركىنلىكى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ تەيۋەنگە كۆرسەتكەن تەسىرى، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئەركىنلىكتە ئىلگىرىلىمىدى، ئەمما تەيۋەن چېكىندى

ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ تەتقىقاتچى مۇدىرى كىرىستوفېر ۋالكېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ 2008 ‏ - يىللىق دوكلاتىدا، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ياخشى دۆلەت؛، شىمالى كورىيە، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ناچار دۆلەت دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئامېرىكا بولسا ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ياخشى بولغان دۆلەتلەردىن كېيىنكى ئىككىنچى رەتكە تىزىلغان، يەنى 24 ‏ - ئورۇندا تۇراتتى. تەيۋەن بولسا ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە ئامېرىكىدىن سەل تۆۋەن، يەنى 32 ‏ - ئورۇندا تۇارتتى. ئەمما ئاسىيا بۇيىچە 1‏ - ئورۇندا تۇراتتى. خىتاي بولسا، دۇنيادىكى 196 دۆلەتنىڭ ئىچىدە، ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدا، يەنى 181 ‏ - ئورۇندا تۇراتتى. 2010 ‏ - يىلىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ئورنىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئەمما تەيۋەننىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولدى.

كىرىستوفېر ۋالكېر تەيۋەننىڭ دۇنيا بۇيىچە ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ئورنىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشنى تىلغا ئالغاندا، 2008‏ - يىلى ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە 32 ‏ - ئورۇندا تۇرغان، ئاىسيا بۇيىچە 1‏ - ئورۇندا تۇرغان تەيۋەن، 2010‏ - يىلىدا 47‏ - گە چۈشۈپ قالدى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندە سودا گۇرۇھلىرى گېزىت، تېلېۋىزىيىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ سودا گۇرۇھلىرى سېتىۋالغان بۇ ئۇچۇر ۋاستىلىرى خوجايىنلىرىنىڭ سودا ۋە سىياسى مەنپەئەتلىرىگە يان باستى. خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇش جەھەتتە ھۆكۈمەتكە ياردەملەشتى. ھەتتا، تەيۋەندە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەسلىكتەك ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىدە چېكىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى. خۇددى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش، 1‏ - ئۆكتەبىر كۈنىدە، تەيۋەندىمۇ فالۇنگوڭچىلارنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم پروگراممىلارنى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچراتتى.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بار

تەيۋەننىڭ ئەسلى ئاھالىلىرىنىڭ تىلى بۇيىچە فورموزا فوند جەمئىيىتى دەپ ئاتالغان بىر چوڭ فوند جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تېررى گېلىسمۇ، لوس ئانجىلىس شەھىرىدە ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا،تەيۋەندە يۈز بېرىۋاتقان ئەركىنلىك جەھەتتىكى چېكىنىشنى دەل كوممۇنىست خىتاينىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان چېكىنىش دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندىكى TVBS تېلېۋىزىيە قانىلى، جۇڭتيەن، دۇڭسېن، جۇڭگو گېزىتى دېگەن ئۇچۇر ۋاستىلىرى، ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئەخلەتلىرىگە ئايلىنىپ بولدى. بۇ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر تەيۋەندە، كوممۇنىست خىتاي ياقتۇرمايدىغان ئەرباپلارنى تەنقىدلەيدىغان، گومىنداڭچىلارنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى ئۈچۈن دېموكراتىيە - ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى چېن شۇيبيەننى داۋاملىق سوتلاشتا قوللىنىدىغان ۋاستىغا ئايلىنىپ قالدى.

فورموزا فوند جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تېررى گېلىس بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ، گەرچە تەيۋەندە قايسى پارتىيىنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىغا كۆڭۈل بۆلمىسىمۇ، ئەمما تەيۋەندە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.