تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر خىتايدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى

تەيۋەن «تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلات يەكشەنبە كۈنى تەيبېيدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدە، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.

0:00 / 0:00

يىغىنىدا تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەلىرىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى توقۇنۇشلارنى خىتاينىڭ بۇ ئىككى رايوندىكى سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ۋەزىيەتنىڭ بۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يىغىندا «تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ قوشما رەئىسى جاۋ مېيلى ئەسكەرتىپ: تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى 2011‏-يىلى 3‏-ئايدىن بۇيان 25 كىشىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۇلاردىن 15 كىشىنىڭ ئۆلۈشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدا زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بېرىشى بىلەن ناھايىتى جىددىي ئەھۋالغا بېرىپ قالدى، دېگەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى رايوندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى دالاي لاما ۋە «تېررورچىلار» غا ئارتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ: جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنى دالاي لاماغا دۆڭگىشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇشقا چەتئەل تېررورچىلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن........بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى تەنقىد قىلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

سىياسىي ئانالىزچى لىن باۋخۇا يەكشەنبە كۈنكى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ تۈنۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ،، گەرچە ئۆزلىرى خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار قارىمىسىمۇ، بىراق بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىتىنى يۇمشىتىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

Lin-BaoHua-Paul-Lin-385.jpg
سىياسىي ئانالىزچى لىن باۋخۇا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان زاتلارنىڭ بىرىدۇر. 2012-يىلى 4-مارت. تەيۋەن. (RFA)

لىن باۋخۇا: بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ۋاسىتىلەرنى بىر ئاز يۇمشىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىگە قىلچە ھېسداشلىق قىلمايلا قالماي، ئەكسىچە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى تېررورلۇق قىلمىشى، دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئوخشاشلا شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنىمۇ تېررورلۇق قىلمىشى، دەۋاتىدۇ. شىنجاڭ «تېررورلۇق» ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگونىڭ باستۇرۇشىغا قارشى تۇرغان بولسا، بۇنىڭغا دۆلەت جاۋابكار. ھەرگىز تۆۋەندىكىلەر قارشىلىق قىلغانلارنىڭ ھەرىكىتى ئەمەس. بۇ ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكتۇر. بىز سىياسەتنى بىر ئاز بولسىمۇ يۇمشىسىكەن دەيمىز ۋە مۇشۇنىڭ ئۆزىگىمۇ رەھمەت ئېيتقان بولىمىز. بىز شۇنى ئاگاھلاندۇرماقچى، بۇ خىل باستۇرۇش قىلمىشى ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمەيدۇ. چۈنكى شىنجاڭدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانغا نەچچە ئون يىل بولدى. بىراق قارشىلىق ھەرىكىتى پەسەيمەي تېخىمۇ ئۇلغايدى، دەيدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى»نى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، 2011-يىلى يازدا يۈز بەرگەن «خوتەن ناۋاغ ۋەقەسى» ۋە «قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق»، «دىنىي ئەسەبىيلىككە» قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنە كۈچەيتىشكە باشلىغان. لىن باۋخۇا خىتاينىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يولغا قويغان سىياسىتى مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماي، مىللىي مۇناسىۋەتنى ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بېيجىڭدا مەركەزدىكى بۇ مەسىلىنى باشقۇرىدىغانلار يەنىلا ئوخشاش كىشىلەر...........بۇنداق ئەھۋالدا زىددىيەت قانداقمۇ ھەل بولسۇن. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەربىي ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. ھازىر زىددىيەت ئۇلغىيىپ، ئامما ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىككە ئايلاندى. راست گەپنى قىلغاندا بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس. بىراق بۇنىڭدىكى جاۋابكارلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىدە. ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى زىددىيەتنى يۇمشىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، ھەرگىز ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ ئادىتىنى يوقىتىش ئەمەس. سەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خەنزۇ-ئۇيغۇر ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلاندۇر، ئاندىن ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ باستۇرۇش قىلمىشىنى ئاقلايدىغان باھانە قىلىۋېلىشتەك بۇنداق ساختىپەزلىكنى قىلساڭ بولمايدۇ.

چەتئەلدىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق چىقىش يولى قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاغىلىقتىكى ۋەقەگە ئوخشاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان سابىق مائارىپچى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.

تەيبېيدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سىياسىي لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ئاسسىمىلياتسىيە تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قاغىلىقتىكى ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بەرگەن كۈچلۈك سىگنالى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ «ئۇيغۇرلار مىللىي ئاسسىمىلياتسىيىنى خالىمايدۇ»، دېگەن سىگنالنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «جۇڭگو 1949‏-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆتكۈزۈۋالغان دەسلەپكى 4 يىلدا بۇ يەرنىڭ 75% نوپۇسىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيتتى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان 1976‏-يىلغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ نىسبىتى 60% گە چۈشۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ 2000‏-يىلدىكى نوپۇسى بولسا 45%» دەپ تەكىتلىگەن. لىن باۋ خۇا ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بايلىق تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىكتۇر. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كۆچمەنلەر ئىگىلىۋالىدىغان بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلمىسە، مەسىلە ھەل بولمايدۇ.

بىراق لىن باۋخۇا بۇنىڭ بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەۋجۇت تۈزۈم ئۆزگىرىپ، دېموكراتىيىگە كۆچمىگىچە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو دېموكراتىيىگە ئۆزگىرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەيدىغان دۆلەتكە ئايلانمىسا، شىنجاڭ ۋە شىزاڭ مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ. شىنجاڭنىڭ بايلىقى كۆپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر جۇڭگو دېموكراتىك ئەلگە ئايلانسا، بۇ مەسىلىنى سودا بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن. خۇددى ھازىر قازاقىستان رۇسىيىگە نېفىت ساتقاندەك شىنجاڭمۇ جۇڭگوغا نېفىت سېتىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ياردەم قىلسا، بۇنىڭدىن شىنجاڭ خەلقىمۇ نەپ ئالسا بولىدۇ. بىراق ھازىر ئۇلارنىڭ نېفىت بايلىقىنى بۇلاۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال كومپارتىيە ئۈچۈن پايدىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇتلەق زىيانلىق. شۇڭا تۈزۈم ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى ناھايىتى قىيىن.

خىتاي دېموكراتىيىلەشسە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل بولامدۇ ؟ بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە كەڭ ئاۋام خەلق دائىم تالاش-تارتىش قىلىدىغان ئىختىلاپتىكى بىر مەسىلە. ئاۋسترالىيىدىكى ھۈسەن ئەپەندى خىتاي دېموكراتىيىلەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان زىيالىيلارنىڭ بىرىدۇر.

يېقىندا قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ «بەخت يولى بازىرى» دا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 21 ئادەم ئۆلگەن. ئۇلاردىن 9 ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. بۇ 2011‏-يىلى 6‏-ئايدىن بۇيان رايوندا يۈز بېرىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە دائىر 3‏-قېتىملىق زور قانلىق ۋەقە بولۇپ، دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

يەكشەنبە كۈنى تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چېگرا سىرتىدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى گۇرۇھلىرىنىڭ مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، قاغىلىقتىكى ۋەقەگە تۇنجى قېتىم رەسمىي ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر.