خىتاي ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە ياردەم بېرىدىغان «ئاۋاز» يۆتكەۋاتىدۇ

ھازىر تەيۋەندىكى سايلام پائالىيىتىدە، مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) بىلەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) جىددىي تىركىشىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

تەيۋەندە 1‏-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 4 كېچە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭغا يەنە 4 كۈن قالدى. ھازىر تەيۋەندە سايلام داغدۇغىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇانىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئون كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان راي سىناشلارنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) نامزاتى ما يىنجيۇ بىلەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) نىڭ نامزاتى سەي يىنۋېن خانىم ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق ئىنتايىن ئاز ئىدى. بۇ، ھەر ئىككى تەرەپنى جىددىيلىككە سالغان ئىدى. بۇرۇنقى بىر قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدا، مىللەتچى پارتىيە ئۆزى ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، مىللەتچى پارتىيە غەلىبە قىلىدۇ دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۆزى مەغلۇپ بولغان ئاچچىق ساۋاقنى ئەستە تۇتقان بولسا كېرەك، بۇ قېتىم ما يىنجيۇ ھۆكۈمىتى، سايلامدىن بۇرۇن راي سىناش ئېلىپ بارماسلىق، ئېلىپ بارسىمۇ نەتىجىسىنى ئېلان قىلماسلىق ھەققىدە بەلگىلىمە چىقاردى. ھازىر تەيۋەندىكى سايلام پائالىيىتىدە، مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) بىلەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) جىددىي تىركىشىۋاتىدۇ.

sey-yinwen-xanim-saylam-385.jpg
دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) نىڭ نامزاتى سەي يىنۋېن خانىم(سولدا) ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا. 2012-يىلى 9-يانۋار، تەيۋەن. (AFP)

ئامېرىكا تۈنۈگۈن ئالاسكىنىڭ سابىق شتات باشلىقى ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى فرانك مۇركوۋسكىنى تەيۋەنگە خەلقئارالىق سايلام كۆزەتكۈچىسى قىلىپ ئەۋەتتى. كانادانىڭ ۋە ياۋروپانىڭ سايلام كۆزەتكۈچىلىرىمۇ تەيۋەنگە كېلىپ بولدى. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، نامزاتلارنىڭ قايسى بىرىگە يان باسمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ۋە سايلامنىڭ ئادىل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنىلا كۆزىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا كۆزەتچىسى بولسا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالدى.

تەيۋەندە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنگە يەنە 4 كۈن قالغاندا، خىتاينىڭ قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى نېمە؟ ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھازىر تەيۋەندىكى دېموكراتىك پرېزىدېنت سايلىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي يېقىندىن بۇيان چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەن ئارىلىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى توختىتىپ قويدى. خىتاي ئېھتىمال چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەن ئارىلىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تەيۋەندىكى دېموكراتىك سايلامنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ «يامان ئۆگىنىپ قېلىشى» دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمۇ بىر پاكىت. چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەن ئارىلىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئورنىغا تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خوتۇن-بالىلىرىنى ئايروپىلانغا سېلىپ يولغا سېلىشقا باشلىدى. خىتاي تەيۋەن ئىشخانىلىرى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا، ئۇلارنى مىللەتچى پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ما يىنجيۇغا ئاۋاز بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ. دېمەك خىتاي ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە سايلامغا ياردەم بېرىدىغان «ئاۋاز» يۆتكەۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تەيۋەنلىكلەرنى مۇشۇ ۋاقىتتا چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ. خىتاي مۇشۇ سايلام ۋاقتىدا، تەيۋەنلىكلەرنى چوڭ قۇرۇقلۇققا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، باج ئالمايدىغان ماللارنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتتى.

لىن باۋخۇانىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سەي يىنۋېن خانىم «تەيۋەن دېگەن جۇڭخۇا مىنگو، جۇڭخۇا مىنگو دېگەن تەيۋەن» دەپ ئېنىق جاكارلىغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھازىر سەي يىنۋېن خانىمنى «توقسان ئىككىنچى يىلىدا بىرلىككە كەلگەن كۈز قاراش» نى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، ئەگەر بۇنى ئېتىراپ قىلمىسا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ، تەيۋەننىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولىدۇ، دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە 92‏-يىلى تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق. ئۇ ۋاقىتتا خىتاي «ئىككى تەرەپ بىر خىتاي» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، تەيۋەن تەرەپ «بىر خىتايدا ئىككى دۆلەت» دېگەن پىكرىدە چىڭ تۇرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچقاچان ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش بولغان ئەمەس.