تەيۋەندە «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق ئۇيۇشمىسى» قۇرۇلدى

تەيۋەن پارلامېنت بىناسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق ئۇيۇشمىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

0:00 / 0:00

9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قاتار ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تەيۋەندە تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن دۈەن يىكاڭ ئەپەندى، تيەن چۇجىڭ خانىم، خۇاڭ ۋەنلىي خانىم ۋە تەيۋەننىڭ سابىق سەھىيە مىنىستىرى تۇ شىڭجې ئەپەندى، تەيۋەن پروفېسسورلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ كىياڭ ئەپەندى، تەيۋەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى ليۇ ۋېنشيۇڭ ئەپەندى قاتارلىقلار ۋە ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى، مەشھۇر ئوبزورچى لىن باۋخۇا ئەپەندى قاتارلىقلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنى قوللىغۇچىلار، ئىنسانپەرۋەر تەيۋەنلىكلەر بىرلىكتە تەيۋەن پارلامېنت بىناسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق ئۇيۇشمىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى رەئىسلىككە ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ياڭ يۆچىڭ خانىم باش كاتىپلىققا تەيىنلەنگەن.

بۇ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا تەيۋەندە قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر دوستلۇق ئۇيۇشمىسى بولۇپ، بۇ دوستلۇق ئۇيۇشمىسى دەل خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقى ھارپىسىدا تەيۋەندە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ تەيۋەندە قۇرۇلۇشى بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىشى ۋە غەزىپىنى قوزغىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھازىر تەيۋەندە تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.