جاڭ جىنگو دەۋرىدە 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش جۇڭگو پولكى' قۇرۇلغان
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندە، جاڭ جىنگو دەۋرىدە 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش جۇڭگو پولكى' قۇرۇلغان ئىدى. بۇ تەشكىلات ئەينى ۋاقىتتا، پەقەت خىتاي مىللەتچى پارتىيىسى (گومىنداڭ) بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق كۆرىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. يېقىنى يىللاردا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەيۋەنگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك 'بىرلىكسەپ' تۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ما ھۆكۈمىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن يېقىنلىشىپ كەتكەن. تەيۋەندىكى زىيالىيلار ھازىر دېموكراتىك تۈزۈم ئۆلچىمى بۇيىچە، بۇ تەشكىلاتنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىپ، تەيۋەننى كوممۇنىست پارتىيىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىدىكى 'جۇڭگو' دېگەن سۆزنى 'تەيۋەن' دەپ ئۆزگەرتكەن.
ھازىر زىيالىيلار بۇ نامنى 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەيۋەن پولكى' دەپ ئۆزگەرتكەن
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى تەيۋەندە ھازىر بۇنداق بىر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى جەزمىلەشتۈردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە بۇرۇن جاڭ كەيشى دەۋرىدە قۇرۇلغان 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش جۇڭگو پولكى' نىڭ نامىدىكى 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇش' دېگەن سۆز 2000 - يىلىدىلا ئاللىقاچان ئېلىپ تاشلانغان ئىكەن. جاڭ كەيشى دەۋرىدە كۆپ مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى مەخپىي ئۆزگەرتىۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتقا بۇيرۇپ بېرىلگەن كۆپ مەبلەغ ئالىي مېھمانخانىلارنى بىنا قىلىشقا ئىشلىتىلىپ، ئۇ، مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشقا باشلىغان.
بۇلتۇر 11 - ئايدا خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى دېگەن ئورگىنىنىڭ باشلىقى چېن يۈنلىڭ تەيۋەن بىلەن 'بىرلىكسەپ' تۈزگىلى كەلگەندە، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىنجيۇ ئۇلارغا ئېغىپ كەتكەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەيۋەندىكى زىيالىيلار، تەيۋەننى كوممۇنىست پارتىيە ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە باش قوشۇشقا باشلىغان ئىدى. نەتىجىدە ياش ئوقۇغۇچى زىيالىيلارنىڭ پكىرىگە ئاساسەن، ھازىر بۇ تەشكىلات قايتىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ، تەيۋەندىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىلىنغان.
ھازىر بۇ تەشكىلات تەيۋەندە ياش ئوقۇغۇچى زىيالىيلار ئارىسىغا كېڭەيمەكتە
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەيۋەن پولكى' نى قايتىدىن قۇرۇش جەريانىدا، تەيۋەندىكى پىشقەدەم زىيالىيلار تەيۋەندە ھازىر پەيدا بولغان 'كوممۇنىست پارتىيە ھازىر ئۆزگەردى' دېگەن خاتا چۈشەنچىنى ئۆزگەرتكەن، ئۇلار ياش ئوقۇغۇچىلارغا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇرۇن خەلقنىڭ مۆلكىنى پارتىيىنىڭ مۈلكىگە ئايلاندۇرغان بولسا، شۇ بولاڭ - تالاڭ ئارقىلىق ئىگە بولغان پارتىيە مۆلكىنى ھازىرقى ئىمتىياز ئىگىلىرى شەخسىينىڭ قىلىۋېلىشقا ئورۇنۇۋاتقانلىقىنى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەبىئىتى ھېچقاچان ئۆزگەرمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ھازىر بۇ 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەيۋەن پولكى' دېگەن تەشكىلات ياش ئوقۇغۇچى زىيالىيلار ئارىسىغا كېڭەيمەكتە.
سەندۇڭدىمۇ راك بېمارلىرى كوممۇنىست پارتىيىدىن ھېساب ئېلىشقا باشلىغان
'خىتايغا نەزەر' تور بېتىدە بايان قىلىشىنىشىچە، سەندۇڭدا مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، خەلقىنىڭ 60 - 80% راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خېزﯤ، دۇڭمىڭ ناھىيىلىرىدىكى راك بېمارلىرى ھازىر تەشكىللىنىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ھېساب ئېلىشقا ئاتلانغان. راك بېمارلىرى قۇرغان قوزغىلاڭ قوماندانلىق شىتابىنىڭ باياناتىدا 'مۇھىت بۇلغىنىشىدا ئۆلگەندىن قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆلگەن تۈزۈك، قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆلگەندىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۆلگەن تۈزۈك؛ خەلقنى داۋاسىز كېسەلگە قويغان زاۋۇتلارنى چېقىپ تاشلىغان تۈزۈك؛ ناھىيىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە سېكرىتارىنىلا ئۆلتۈرىمىز، قارشىلىق قىلمىغان كادىرلارغا چېقىلمايمىز' دەپ جاكارلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سەندۇڭدىكى راك بېمارلىرى ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلەر ھەققىدە ئەھۋال ئۇقۇشنى خالىغۇچىلار 138 5301 6961 نۇمۇرلۇق تېلېفون ئارقىلىق سۈن شۇتيەن دېگەن كىشى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىكەن. ئەمما رادىئومىز مۇخبىرىنى، خىتاينىڭ تېلېفون باش ئاپپاراتى 'بۇ كىشى ئالدىراش، ھازىرچە ئۇلانمايدۇ' دەپ ئالاقىلاشقۇزمىدى.